خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ مەدەنىي يادىكارلىق ئارخىئولوگىيە تەتقىقات ئورنى مەدەنىي يادىكارلىق مۇزېيىدىكى داڭ جىخاۋ قەدىمكى قەبرىنى قازماقتا.
شىنجاڭ ماناس ناھىيەسى باۋجيادىيەن كەنتى قاراكۆرۈك ئەگمە كەنتىدە 2 مىڭ نەچچە يىللار ئىلگىرىكى يېغىلىق دەۋرىدىن چىن خەن سۇلالىسى دەۋرىلىرىگىچە بولغان قەدىمكى قەبرىلەر بايقالدى. بۇ قەدىمكى قەبرىلەرنىڭ بايقىلىشى بۇ قەدىمكى قەبرىلەرنىڭ تېپىلىشى ماناس تەتقىقاتى شۇنداقلا تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى بەلباغلارنى تەتقىق قىلىش، يېغىلىق دەۋرىدىن چىن خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئارخىئولوگخيە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا غايەت زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
بۇ يىل يازدا، ماناس ناھىيەسى مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسى مەدەنىي بۇيۇملارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش جەريانىدا، قاراكۆۋرۈك ئەگمىسى رايونىدىكى قەبرىنىڭ ئوغرىلىقچە قېزىلغانلىقىنى بايقىغان ۋە دەرھال شىنجاڭ مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسىگە مەلۇم قىلغان، شىنجاڭ مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسى شىنجاڭ مەدەنىي يادىكارلىقلار ئارخجىئولوگخيە تەتقىقات ئورنىغا قاركۆۋرۈك ئەگمىسىدىكى قەبرىلەرنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قېزىشقا ھاۋالە قىلغان.
مەنبە: خەلق تورى