باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>خەلق تۇرمۇشى

تالنى سېلىپ باغ قىلدۇق،ھوسۇل ئېلىپ تاغ قىلدۇق

2014.10.30 13:51   مەنبە: خەلق تورى

تالنى سېلىپ باغ قىلدۇق،ھوسۇل ئېلىپ تاغ قىلدۇق

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن پولات نىياز خەۋىرى: «تالنى سېلىپ باغ قىلدۇق، ھوسۇل ئېلىپ تاغ قىلدۇق»، بۇ چەرچەن ناھىيە توغراقلىق يېزا جاۋا ئېرىق كەنتىدىكى 67 ياشلىق دېھقان تۇرسۇن قاسىمنىڭ ئوخشىغان ئۈزۈملىرىدىن پەخىرلىنىپ ماڭا دىگەن سۆزى ئىدى. مەن تۇرسۇن قاسىمنىڭ 10 مو يەردىكى ئۈزۈملۈك بېغىغا كەلگىنىمدە ئۇ ئايالى ۋە بىر ئوغلى ئۈچەيلەن ئۈزۈملەرنى كېسىپ يەشىكلەرگە قاچىلاپ باراڭ ئاستىغا تىزىپ تاغدەك دۆۋىلەۋاتقان ئىدى. ئۇ مەن بىلەن قىزغىن كۈرۈشۈپ بۇ يىلمۇ ئۈزۈمدىن ياخشى ھوسۇل ئالغانلىقىنى ھاياجان ئىچىدە سۆزلەپ بەردى:

  ــــ مەن ئەسلىدە بۇ كەنتنىڭ كەنت مۇدىرى ئىدىم، 2004-يىلى پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىن چەرچەن ناھىيە بازىرىنى تەپسىلىي كۆزىتىپ ناھىيە بازىرىدا مېۋە-چىۋىدىن سورتى ياخشى ئۈزۈمنىڭ سىرتقى ناھىيەلەردىن يۆتكەپ كېلىنىدىغانلىغىنى بايقاپ، ئۆز يۇرتۇمدىمۇ تال سېلىپ يېتىشتۈرۈپ ئۈزۈملۈك باغ بەرپا قىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم، يېزىلىق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ قوللاپ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن ئاتۇش شەھرىگە بېرىپ 15كۈن ئۈزۈم پەرۋىش تېخنىكىسىنى پۇختا ئىگىلىدىم ۋە داڭلىق ئۈزۈم سورتلىرىدىن تاللاپ سېتىۋېلىپ بۇ 10 مو يەرگە تىككەن ئىدىم. تاللارنى ياخشى پەرۋىش قىلغانلىقىمدىن تاللار ياخشى ئاينىپ 2008-يىلدىن باشلاپ مېۋىگە كىردى، بۇ جەرياندا يېزىلىق ھۆكۈمەت، پارتكوم ماڭا ھەر مو يەرگە 140 يۈەندىن باغ-ئورمان تولۇقلىما پۇلى بەردى. 2008-يىلى تالنى تىكىپ تۇنجى ھوسۇل ئېلىشىم بولۇپ، شۇ يىلى 100مىڭ يۈەنلىك ئۈزۈم ساتتىم، ئۈچ يىللىق ئەجرىمنىڭ بۇ مېۋىسى مېنى تولىمۇ خۇشال قىلدى، تاللارنىڭ باراڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ بېرىدىغان مەھسۇلاتىمۇ يىلدىن يىلغا ئاشتى، 2013-يىلى 40 توننا ئۈزۈم يىغىۋېلىپ 380 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم. بۇ يىل ئۈزۈمنىڭ باھاسى بۇلتۇرقىدىن تۆۋەن، شۇنداقتىمۇ مەھسۇلاتى يۇقىرى بولغاچقا 50 توننا ئۈزۈم يىغىۋالدىم، ئۈزۈملەرنى تېخى تولۇق سېتىپ چىقىرىپ بولالمىدىم، مۆلچەرىمچە 400 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىشىمدا گەپ يوق. بۇ جەرياندا يېزىلىق تېخنىكا پونكىتىنىڭ خادىملىرى ئۈزۈم پەرۋىش مەزگىلىدە كېلىپ تاللارنى پۇتاپ، تاللارغا چۈشكەن زىيانداش ھاشارەتلەرگە ۋاقتىدا دورا چېچىپ ياخشى ھوسۇل بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىپ بەردى. مېنىڭ بۇ ئۈزۈمزارلىقىم چەرچەن ناھىيە بويىچە تېخنىكىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، مەنمۇ ناھىيە بويىچە باغۋەنچىلىكتىكى مۇنەۋەر دېھقان تېخنىك بولۇپ مۇكاپاتلىنىپ كەلدىم، ھازىر بېغىمنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ كېلىدىغانلار ۋە تېخنىكا ئۆگەنگىلى كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ.تۇرسۇن قاسىم ئۆزى بېيىغاندا ئەتراپىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ئەلۋەتتە ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ مۇشۇ مەھەللىدىكى غوپۇر سۇناي قاتارلىق قىيىنچىلىقى بارلارغا ۋە چەرچەن ناھىيەسىنىڭ تاغلاردىكى چارۋىچىلىق رايونلىرىدىن چىگەقاش موقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش رايونىغا كۆچۈپ كەلگەن چارۋىچىلارغا 15 مىڭ يۈەن قىممىتىدە كۆمۈر ئىئانە قىلىپ، ئۇلارنىڭ قىشتىن خاتىرجەم ئۆتۈپ كېتىشىگە ياردەم قىلدى، ئۇ كەلگۈسىدىكى پىلانلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دىدى:

  ــــ ھازىر باغدىكى ئۈزۈملەرنىڭ سورتى 5 خىل، بۇنىڭدىن كېيىن 50 مىڭ يۈەندىىن 100 مىڭ يۈەنگىچە مەبلەغ سېلىپ، ئۈزۈملەرنىڭ سورتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ 8 خىلغا يەتكۈزۈمەن، يەنە بۇ ئورۇندا دېھقانلار شادلىق ئارامگاھى قۇرۇپ، ئۈزۈمچىلىك بىلەن ئارامگاھ سودىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىقتىسادىي كىرىم مەنبە يوللىرىمنى يەنىمۇ كېڭەيتىمەن.

  سۈرەتتە: تۇرسۇن قاسىم ۋە ئايالى ھاۋاخان ئىبراھىم

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز