مۇھىم خەۋەرلەر

يەر تەۋرىگەندە قېچىپ قۇتۇلۇشتىكى بۇ خاتا قاراشلاردىن ساقلىنىڭ

2023.12.03 20:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش باش دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى، جۇڭگو قۇتقۇزۇش ئەترىتى داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى چېن لىجۈەن خەلق تورى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يەر تەۋرىگەندىن كېيىن توغرا ئۇسۇلدا قېچىشنى، تۆۋەندىكى خاتالىقلاردىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

  بىرىنچى خاتا قاراش: يەر تەۋرىگەندە دەرھال سىرتقا قېچىش

  يەر تەۋرىگەندە، نۇرغۇن كىشىلەر ئالدى بىلەن دەرھال سىرتقا قېچىشنى ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە يەر تەۋرەش قانۇنىيەتلىك بولىدۇ، يەر تەۋرىگەندە ئالدى بىلەن تىك دولقۇن يۇقىرى-تۆۋەن ھەرىكەت قىلىدۇ، ئاندىن توغرا دولقۇن ئوڭ-سولغا تەۋرىنىدۇ، قىسقا بولغاندا ئون-يىگىرمە سېكۇنت، ئۇزۇن بولغاندا بىر-ئىككى مىنۇت داۋاملىشىدۇ، ئاندىن قىسقا تىنچ مەزگىل بولىدۇ. يەر تەۋرىگەندە ئەڭ يېقىن جايدا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش، يەر تەۋرىگەندىن كېيىن دەرھال بىخەتەر جايغا چېكىنىش __ يەر تەۋرەشتىن جىددىي ساقلىنىشنىڭ بىر قەدەر ياخشى ئۇسۇلى. يەر تەۋرىگەندە ئەگەر بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرىسىدا بولغاندا، شۇنداقلا ئۆينىڭ يەر تەۋرەشتىن ساقلىنىش شارائىتى ۋە قۇرۇلۇش سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى بولسا، ئالدى بىلەن ئۆي ئىچىدە يەر تەۋرەشتىن ساقلىنىشنى تاللاشقا بولىدۇ، ئالدى بىلەن دەرھال ئۆي ئىچىدىكى تازىلىق ئۆيى، ئامبار، مۇنچا قاتارلىق كىچىك، ئېغىرلىق چۈشىدىغان تام ياكى تىرەك بار جاينى تاللاش، ياكى مۇستەھكەم ئۈستەل، كارىۋات، شىرە، سافا قاتارلىق ئۆي جاھازلىرىنىڭ يېنىنى تاللاش كېرەك.

  ئىككىنچى خاتا قاراش: چوڭ تىپتىكى ئۆي جاھازلىرى ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋېلىش

  نۇرغۇن كىشىلەر بەزى چوڭ ئۆي جاھازىلىرى ئادەمگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىدۇ دەپ قارايدۇ، لېكىن يەر تەۋرىگەندە ئۇلاردىن يىراقراق تۇرۇش كېرەك. يەر تەۋرىگەندە ھەرگىز چوڭ كىيىم ئىشكاپىغا ياكى باشقا چوڭ تىپتىكى ئۆي جاھازلىرىنىڭ ئىچىگە مۆكۈۋېلىشقا بولمايدۇ. چوڭ تىپتىكى ئۆي جاھازىلىرى گەرچە پۇختا بولسىمۇ، ئەمما ئېغىرلىق مەركىزى ئېگىز بولغاچقا ئاسان قىيسىيىپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشكاپنىڭ ئىچىدە كۆرۈش دائىرىسى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، پۇت-قولى ئەركىن بولالمايدۇ، قېچىپ قۇتۇلۇش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇپلا قالماي، قۇتقۇزۇلۇشقىمۇ پايدىسىز.

  ئۈچىنچى خاتا قاراش: يەردە دۈم يېتىش ياكى يېتىپ جىسمانىي كۈچنى تېجەپ، قۇتقۇزۇشنى كۈتۈش

  يەر تەۋرىگەندە يېتىش ھالىتى ئىنتايىن خەتەرلىك، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بەدەننىڭ تەكشىلىك يۈزى چوڭىيىپ كېتىپ، خارابىلىك قاتارلىق جىسىملارنىڭ تېگىپ كېتىش نىسبىتى ئۆرە تۇرغان ۋاقىتتىكىدىن چوڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېتىش بەدەننىڭ جانلىق ھەرىكەت قىلىشىغا پايدىسىز.

  توغرىسى: قول بىلەن بېشىنى تۇتۇپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، بەدەننىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى تۆۋەنلىتىش؛ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، كىيىم-كېچەك، ياستۇق قاتارلىقلار بىلەن باش-بويۇننى قوغداش، ئېغىز-بۇرۇننى ئېتىۋالماسلىق ياكى يېنىدىكى مۇستەھكەم جىسىمنى تۇتۇپ، يىقىلىپ كېتىشنىڭ ياكى بەدەننىڭ يۆتكىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  تۆتىنچى خاتا قاراش: پەلەمپەيدىن ماڭماي لىفىتقا چىقىش

  ئېگىز بىنالاردا ئولتۇرىدىغان بىر قىسىم ئاھالىلەر يەر تەۋرىگەندە لىفىتقا ئولتۇرۇپ پەسكە چۈشسە بىر قەدەر تېز بولىدۇ، دەپ قارىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، بىر قەدەر چوڭ يەر تەۋرىگەندە لىفىتتا كاشىلا كۆرۈلۈش ياكى توك توختاپ قېلىش سەۋەبىدىن لىفىتنىڭ توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، لېفىتقا چىقىپ قېچىپ قۇتۇلۇش جەريانىدا لىفىتنىڭ ئىچىگە قاپسىلىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بىر قەدەر چوڭ. شۇڭا، يەر تەۋرىگەندە ئېگىز بىنالاردا لىفىت ئىشلىتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. ئەگەر لىفىتقا چىققاندا يەر تەۋرىسە، چوقۇم مەشغۇلات تاختىسىدىكى ھەرقايسى قەۋەتلەرنىڭ كۇنۇپكىلىرىنى بېسىپ، لىفىت توختىغان ھامان دەرھال لىفىتتىن چىقىپ، بىخەتەر ئورۇننى تېپىپ پاناھلىنىش كېرەك.

  بەشىنچى خاتا قاراش: قېچىش جەريانىدا قالايمىقان ۋارقىراش

  قېچىپ قۇتۇلۇش جەريانىدا ئەگەر قاتتىق ۋارقىرىسا، ئۆزى ۋە باشقىلار ساراسىمىگە چۈشۈپ قېلىپ، قېچىش ۋاقتىغا دەخلى يېتىدۇ ياكى خاتا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋارقىراپ-جارقىرىغاندا زور مىقداردىكى ئىس-تۈتەك سۈمۈرۈلۈپ، تۇنجۇقۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، زۆرۈر بولمىغان تالاپەتنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بولۇپمۇ ئادەم يارىلانغاندا ۋارقىراش جىسمانىي كۈچنى خورىتىۋېتىدۇ.

  مۇۋاپىق ئۇسۇل ئاۋاز چىقىرالايدىغان بۇيۇملارنى ئۇرۇش ئارقىلىق قۇتقۇزۇشقا چاقىرىپ، قۇتقۇزۇشنى سوغۇققانلىق بىلەن كۈتۈش، ئۈمىدتىن ۋاز كەچمەسلىكتىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ