مۇھىم خەۋەرلەر

پىلىموت كۆتۈرۈۋالغان قالتىس ماشىنا ئىت!

2024.05.27 16:29 مەنبە: خەلق تورى

  ـــ ماشىنا ئىت، رازۋېدكىغا ئاتلان!

  ـــ خوپ!

  يېقىندا، جۇڭگو-كامبودژا «ئالتۇن ئەجدىھا-2024» بىرلەشمە مانېۋىرىدا جۇڭگو تەرەپنىڭ ماشىنا ئىتى كۆرگەزمە قىلىنىشى بىلەنلا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، بۇ ماشىنا ئىت رازۋېدكا قىلالايدۇ، ئوق ئاتالايدۇ.

  تورداشلار بەس-بەستە «بەك قالتىس ئىكەن» دېيىشتى.تەقلىدىي كوچا سىرتىدا

  جۇڭگو تەرەپنىڭ مانېۋىرغا قاتناشقان ئەترەت ئەزالىرى يولغا چىقىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن تىزگىنەك بىلەن ماشىنا ئىتنى باشقۇردى

  ماشىنا ئىت تېز سۈرئەتتە كوچىنىڭ توسالغۇ ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، تۆمۈر سىم تور، كونا بالون، بالون بۇزغۇچ قاتارلىق ئەھۋاللارنى قوماندانلىق ئىشتابىغا مەلۇم قىلدى.

  بۇ ماشىنا ئىتنىڭ بەدەن شەكلى كىچىك بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 15 كىلوگىرام كېلىدۇ، دەرىجىدىن تاشقىرى كەڭ بۇلۇڭلۇق سېزىش سىستېمىسى سەپلەنگەن بولۇپ، قورساق قىسمىغا باتارىيە ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىستېمىسى قاچىلانغان، ئالغا ئىلگىرىلەش، توغرىسىغا يېتىش، سەكرەش، چېكىنىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق يەنە ئۆز ئالدىغا يول پىلانلاپ توسالغۇلاردىن ئۆزىنى قاچۇرالايدۇ، رازۋېدكا ھالقىسىدا نىشانغا تېز سۈرئەتتە يېقىنلىشالايدۇ ھەمدە رازۋېدكا كۆرۈنۈشىنى دەل ۋاقتىدا قوماندانلىق ئىشىتابىغا يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ.

  مەشىق مەيدانىدا يەنە بىر ماشىنا ئىتمۇ كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى، بۇ 100 نەچچە جىڭ كېلىدىغان «چوڭ» ماشىنا ئىتقا مىلتىق ئېسىپ مەشغۇلاتچىنىڭ كونتروللۇقىدا تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلىدى، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش مەشىقى ھالقىسىدا نۇرغۇن قوراللىق «تېررورچى» ئىمارەتكە يوشۇرۇندى. مانېۋىرغا قاتناشقان ئەترەت ئەزالىرى پارتلاتقاندىن كېيىن ماشىنا ئىت «ئۆتكۈر خەنجەر» بولۇش سۈپىتى بىلەن تېز سۈرئەتتە نىشاننى قارىغا ئېلىپ زەربە بەردى.

  بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغاندىن كېيىن جۇڭگو-كامبودژا ئىككى تەرەپنىڭ مانېۋىرغا قاتناشقان ئەترەت ئەزالىرى ئارقا-ئارقىدىن كىرىپ كېيىنكى تازىلاش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى، جۇڭگو تەرەپ مانېۋىرغا قاتناشقۇچى ئەترەت ئەزالىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە B1 ماشىنا ئىت مەشىق جەريانىدا ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ئورنىدا ئالدىن رازۋېدكا قىلىدۇ ۋە دۈشمەننى بايقىغاندىن كېيىن ئوت كۈچى بىلەن زەربە بېرىدۇ. شەھەر ھۇجۇم-مۇداپىئە ئۇرۇشىدىكى يېڭى ئەزا ماشىنا ئىتتىن باشقا، جۇڭگونىڭ مانېۋىرغا قاتناشقان ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى يەنە چارلاش-زەربە بېرىش بىر گەۋدىلەشكەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، توشۇغۇچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، ئۇچقۇچىسىز رازۋېتكا ئايروپىلانى قاتارلىق كۆپ خىل ئەقلىي ئادەمسىز ئۈسكۈنىلەرنى رازۋېدكا قىلىش، تۇيۇقسىز كىرىشنى كونترول قىلىش، زەربە بېرىش قاتارلىق ھەرقايسى ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا سىڭدۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ