مۇھىم خەۋەرلەر

دىققەت! كۆپ تارماق بىرلىشىپ كېچىلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى باشلىدى

2024.05.27 16:25 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەت بويىچە توكلۇق ۋېلىسپىتلەردىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توكلۇق ۋېلىسپىتلەردە ئوت ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى ھەقىقىي ئازايتىش ۋە توسۇش ئۈچۈن، نۇرغۇن جايلاردىكى ئوت ئۆچۈرۈش، گۇڭئەن ئورگىنى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى قاتارلىق تارماقلار يېقىندا مەملىكەت مىقياسىدا توكلۇق ۋېلىسپىتلاردىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى كېچىلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى بىرلىكتە قانات يايدۇردى.

  بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە ئېگىز قەۋەتلىك پۇقراۋى ئىمارەتلەرنىڭ ئاممىۋى زالى، تارقاقلاشتۇرۇش يولى، پەلەمپەي، بىخەتەرلىك چىقىش ئېغىزى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى توكلۇق ۋېلىسىپىتنى بەلگىلىمىگە خىلاپ توختىتىش، توك قاچىلاش، توسۇپ قويۇش قاتارلىق قىلمىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە ئايرىۋېتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، ئوت مۇداپىئە ئەسلىھە-سايمانلىرىنى سەپلىمەسلىك، ئاپتوموبىلنى گۇرۇپپىغا ئايرىپ توختاتماسلىق قاتارلىق ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك شارائىتىنى ھازىرلىمىغان قۇرۇلۇش جازىلىرىدىكى بوش قەۋەتنى توكلۇق ۋېلىسىپىتنى توختىتىش، توك قاچىلاش ئورنىدا يەنىلا ئىشلىتىش ئەھۋالى ھەمدە توكلۇق ۋېلىسىپىت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش، سۈرئەت چەكلىمىسىنى چۇۋۇپ ئۆزگەرتىش، چوڭ سىغىملىق ئاككۇمۇلياتورنى ئالماشتۇرۇش ۋە توكلۇق ۋېلىسىپىت توختىتىش، توك قاچىلاش ئورنىنى ئىگىلىۋېلىش ھەم ھەق ئېلىشى قېلىپلاشماسلىق قاتارلىق قانۇن ـ بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ.

  5-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە، كۆپ تارماقلاردىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ھەرقايسى جايلاردا ئولتۇراق رايون، ئاھالىلەر ئۆزلىرى سېلىۋالغان ئۆيلەر ۋە كېچىلىك تىجارەت سورۇنلىرىنى تۇنجى قېتىم كېچىدە تۇيۇقسىز تەكشۈردى، نەق مەيداندا قائىدىگە خىلاپ توك قاچىلاپ توختىتىلغان 298 مىڭ توكلۇق ۋېلىسپىتنى يۆتكەشكە نەسىھەت قىلدى ھەمدە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى بار 689 ئورۇن، 856 خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسىنى قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ جازالىدى، 7300دىن ئارتۇق شەخسنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلدى ھەمدە تەكشۈرۈشتە بايقالغان قانۇنسىز ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان 61 يىپ ئۇچى بار توكلۇق ۋېلىسپىت سېتىش ۋە رېمونت قىلىش دۇكانلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ