مۇھىم خەۋەرلەر

نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىگە تۆلەم بېرىلەمدۇ؟ بۇنداق تېلېفوندىن ھوشيار تۇرۇش كېرەك

2024.05.27 16:25 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدىن شاڭخەي خۇڭچياۋ ۋوگزالىغا بارىدىغان G131-قېتىملىق پويىزدا، ۋاڭ خانىم ناتونۇش نومۇردىن كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلغانلىقتىن، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ كېچىكىش تۆلىمىنى بېجىرگەندە 70 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇلى ئالداپ كېتىلگەن. مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ تۆمۈر يول گۇڭئەن باشقارمىسى جىنايى ئىشلار ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بېيجىڭ تۆمۈر يول ساقچىلىرى «نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىكتۈرۈلۈش تۆلىمى»نى ئالدامچىلىق ئۇسۇلى قىلغان دېلودىن تۆتنى تاپشۇرۇۋالغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما 340 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.

  5-ئاينىڭ 5-كۈنى، بېيجىڭ تۆمۈر يول ساقچىلىرى يەرلىك گۇڭئەن ئورگانلىرى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن دېلونى تاپشۇرۇۋالغان، دېلودا ۋاڭ خانىم يېقىندا G131-قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ نەنجىڭغا كېتىۋاتقاندا ناتونۇش نومۇردىن تېلېفون كېلىپ، ۋاڭ خانىم زاكاز قىلغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ مېخانىكىلىق كاشىلا تۈپەيلىدىن ئۇچالمايدىغانلىقى، بېلەت قايتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدىغانلىقى ھەمدە 300 يۈەن تۆلەم بېرىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. ۋاڭ خانىم ھەقىقەتەن ئايروپلان بېلىتى زاكاز قىلغاچقا، كۆپ ئويلانمايلا قارشى تەرەپنىڭ بۇيرۇقى بويىچە چىقىمدان ئارقىلىق مەشغۇلاتنى تاماملىغان، لېكىن ئۇزۇنغىچە تۆلەم پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالمىغان. ۋاڭ خانىمنىڭ سۈرۈشتۈرۈشى بىلەن قارشى تەرەپ ئۇنىڭدىن «چۈەنشىتۇڭ يىغىنى» يۇمشاق دېتالىنى چۈشۈرۈپ، ئېكراندا ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئېچىپ، كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق ئۇنىڭ قالدۇق مەشغۇلاتنى تاماملىشىغا يىراقتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنداق قىلىپ، ۋاڭ خانىم قارشى تەرەپنىڭ «يېتەكلىشى» بىلەن قارشى تەرەپ تەمىنلىگەن چىقىمدان ھېسابات نومۇرىغا 49 مىڭ 997 يۈەن پۇل يۆتكىگەن.

  لېكىن، ئارقىدىنلا قارشى تەرەپ يەنە ۋاڭ خانىمغا رەقەملىك خەلق پۇلى يۇمشاق دېتالىنى چۈشۈرۈپ بانكا كارتىسىغا باغلاتقۇزغان، مۇۋەپپەقىيەتلىك قوزغاتقاندىن كېيىن يەنە بانكا كارتىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىشلىتىش چېكىنى 20 مىڭ يۈەنگە ئۆزگەرتىشكە يېتەكچىلىك قىلغان. ئارقىدىن ۋاڭ خانىم ھەيرانلىق ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئەمدىلا باغلىغان بانكا كارتىسى ھېساباتىدىن ئىستېمال قىلىنىپ ئالتە قېتىم پۇل تۇتۇلغانلىقىنى، ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 19 مىڭ 998 يۈەن ئىكەنلىكىنى بايقىغان. مۇشۇ ۋاقىتقا كەلگەندە، ۋاڭ خانىم ئاندىن ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلغان. قىسقىغىنە 20 مىنۇت ئىچىدە ۋاڭ خانىمنىڭ 69 مىڭ 995 يۈەن پۇلى ئالداپ كېتىلگەن. دېلو ھازىر رازۋېدكا قىلىنىۋاتىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بېيجىڭ تۆمۈر يول ساقچى تەرەپ «نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىكتۈرۈلۈش تۆلىمى» دېگەن باھانە بىلەن قىلىنغان نۇرغۇن ئالدامچىلىق دېلولىرىنى تاپشۇرۇۋالغان. بۇنىڭغا قارىتا، ساقچىلار كەڭ يولۇچىلارغا ناتونۇش تېلېفون ياكى قىسقا ئۇچۇرنى قوبۇل قىلغاندا ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشنى، بولۇپمۇ «نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىكتۈرۈلۈش تۆلىمى» قاتارلىق ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ پەرقلەندۈرۈشنى، ئاسانلىقچە پۇل يۆتكىمەسلىكنى ئەسكەرتتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ