مۇھىم خەۋەرلەر

شاڭخەي دىسنېي باغچىسى بېلەت باھاسىنى تەڭشەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2024.05.27 16:24 مەنبە: خەلق تورى

  5-ئاينىڭ 24-كۈنى، شاڭخەي دىسنېي ئىستىراھەت رايونى سىرتقا 2024-يىل 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ شاڭخەي دىسنېي شادلىق باغچىسىنىڭ كىرىش بېلىتىگە نۆۋەتتىكى تۆتىنچى دەرىجىلىك بېلەت باھاسى قۇرۇلمىسىغا ئىككىنچى دەرىجىلىك بېلەت باھاسى قوشۇپ، ئالتىنچى دەرىجىلىك بېلەت باھاسى قۇرۇلمىسىغا تەڭشەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. يېڭى ئالتە دەرىجىلىك بېلەت باھاسى قۇرۇلمىسىدا، ئاساسىي بېلەت باھاسى ۋە ئەڭ يۇقىرى بېلەت باھاسى ئۆزگەرمىدى، يەنىلا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 475 يۈەن ۋە 799 يۈەن بولىدىكەن. ئوتتۇرا دەرىجىلىك بېلەت باھاسى ھازىرقى 599 يۈەن ۋە 719 يۈەندىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىدىن باشقا، يەنە ئىككى دەرىجە قوشۇلدى.

  ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىم يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئىككى دەرىجىلىك بېلەت باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 539 يۈەن ۋە 659 يۈەن بولىدىكەن، يەنى 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان يېڭى ئالتە دەرىجىلىك بېلەت باھاسى قۇرۇلمىسىنىڭ بېلەت باھاسى تەرتىپ بويىچە 475 يۈەن، 539 يۈەن، 599 يۈەن، 659 يۈەن، 719 يۈەن ۋە 799 يۈەن بولىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ