بېيجىڭ شەھەرلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى: رېتسېپسىز دورىلارغا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ئىسچوتىدا توردا پۇل تۆلەش سىناق تەرىقىسىدە قانات يايدۇرۇلىدۇ
2024.05.27 16:22 مەنبە: خەلق تورى
بېيجىڭ شەھەرلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى 26-ماي مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: ئاممىنىڭ قولايلىق داۋالاش مۇلازىمىتىگە بولغان ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرىدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ئىسچوتى ئارقىلىق توردا دورا سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، مەزكۇر ئىدارە جىڭدۇڭ ۋە مېيتۈەندىن ئىبارەت ئىككى دورا سېتىۋېلىش سۇپىسىنى تەشكىللەپ، رېتسېپسىز دورىلارنى توردا چىقىم قىلىش خىزمىتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويدى؛ 2024-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا بەلگىلەنگەن 200 دىن ئارتۇق پارچە سېتىش دورىخانىسى كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارغا رەسمىي مۇلازىمەت قىلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ