دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق مەھكىمىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئەنگلىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە جۇڭگوغا خالىغانچە بەتنام چاپلاپ، ئەنگلىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنى خالىغانچە تۇتۇپ ۋە ئەيىبلەپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىگە تۆھمەت قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئىقتىساد-سودا ئىشخانىسىنىڭ نورمال ھەرىكىتىگە كاشىلا قىلىپ، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىپ چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن، جۇڭگوغا قارشى تۇرۇپ شياڭگاڭنى مالىمان قىلغان ئۇنسۇرلارغا مەدەت بەرگەنلىكىگە قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى كۈچلۈك نارازىلىقىنى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەنگلىيە تەرەپنىڭ ساختا ئەيىبلىشى ۋە رەزىل نەيرەڭۋازلىقى قانۇن ئىدارە قىلىش روھىغا ئېغىر ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ، ئەنگلىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، خەلقئارا قانۇن پىرىنسىپى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى، بۇ ئەنگلىيەنىڭ ئوبرازى ۋە ئىناۋىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.
باياناتچى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شياڭگاڭ جۇڭگونىڭ شياڭگاڭى، جۇڭگو تەرەپ ھەرقانداق سىرتقى كۈچنىڭ ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا قول تىقىشىغا، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. بىز ئەنگلىيە تەرەپنى جۇڭگوغا قارشى سىياسىي نەيرەڭۋازلىقنى دەرھال توختىتىپ، ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزى رول ئالغان بۇنداق سىياسىي ئويۇننى توختىتىپ، ئەنگلىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئىقتىساد-سودا ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى نورمال ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلىمىز. ئەگەر ئەنگىلىيە ئۆز بېشىمچىلىق قىلسا، جۇڭگو كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ قەتئىي تاقابىل تۇرىدۇ.
جۇڭگونىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئەنگلىيە ساقچى تەرەپنىڭ شياڭگاڭنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئىقتىساد-سودا ئىشخانىسىنىڭ ياللانما خادىمى ئۈستىدىن ئەرز قىلىش دېلوسى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى
جۇڭگونىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئۈندىدار سالونىنىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىنىڭ باياناتچىسى ئەنگلىيە ساقچى تەرەپنىڭ شياڭگاڭنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئىقتىساد-سودا ئىشخانىسىنىڭ ياللانما خادىمى ئۈستىدىن ئەرز قىلىش دېلوسى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن.
مۇخبىر: خەۋەر قىلىنىشىچە، ئەنگلىيە ساقچى تەرەپ شياڭگاڭنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئىقتىساد-سودا ئىشخانىسىنىڭ ياللانما خادىمى يۈەن سۇڭبياۋ قاتارلىق ئۈچ كىشى ئۈستىدىن ئەرز قىلغان دېلو توغرىسىدا بۈگۈن ئەنگلىيە مەركىزىي جىنايى ئىشلار سوتىدا 2-قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
ئەلچىخانا باياناتچىسى: يېقىنقى بىر مەزگىلدە، ئەنگلىيە تەرەپ ئاتالمىش دۆلەت بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ بەتنام چاپلاپ، دېلو ئويدۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگوغا خالىغانچە قارا چاپلىدى، ھەتتا ئەنگلىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنى خالىغانچە تۇتۇپ ۋە ئەيىبلەپ، شياڭگاڭنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئىقتىساد-سودا ئىشخانىسىنىڭ نورمال ھەرىكىتىگە كاشىلا قىلدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئەنگلىيە تەرەپنىڭ ساختا ئەيىبلىشى ۋە قەبىھ قىلمىشى قانۇنچىللىق روھىغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك، دۆلەت خەۋپسىزلىكى باھانىسىدە سىياسىي نەيرەڭۋازلىق قىلغانلىق، ئەنگلىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق، جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىك، خەلقئارا قانۇن پىرىنسىپى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق، شۇنداقلا ئەنگلىيەنىڭ ئۆز ئوبرازىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىك. جۇڭگو ئەنگلىيەنى خاتا ئۇسۇلنى دەرھال تۈزىتىپ، ئەنگلىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئىقتىساد-سودا ئىشخانىسىنىڭ ۋەزىپىسىنى نورمال ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلىدۇ.
جۇڭگو تەرەپ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، چەت ئەللەردىكى جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ يوللۇق، قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى