مۇھىم خەۋەرلەر

بازارلىق ھۆكۈمەت سالغان تەنتەربىيە سارىيىغا ئاممىنىڭ كىرىشى چەكلەندى

تەنتەربىيە سارىيى زادى كىم ئۈچۈن سېلىندى؟

2024.05.07 21:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى چىڭيۈەن شەھىرى داۋەن بازىرىدىكى بىر كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، مەزكۇر بازار 2019-يىلى سالغان داۋەن تەنتەربىيە سارىيى ئەسلىدە شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ تەن ساپاسىنى كۈچەيتىپ ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدىغان ياخشى جاي بولۇپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا بازارلىق ھۆكۈمەت تەنتەربىيە سارىيىنى تۇيۇقسىز كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياتىقى رايونى دائىرىسىگە كىرگۈزگەن ھەمدە ئىشىك بېكىتىپ، ئاممىنىڭ كىرىشىنى چەكلىگەن ھەم بۇنى داۋەن بازارلىق ھۆكۈمەت «بىخەتەرلىكنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئۈچۈن» دېگەن باھانىنى تاپقان. بۇ ئىش تالاش-تارتىش پەيدا قىلغاندىن كېيىن، چىڭيۈەن شەھەرلىك مەدەنىيەت-رادىئو-تېلېۋىزىيە-ساياھەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان ئەسلىھەلەرنى خەلق ئاممىسىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىش كېرەكلىكىنى، دەرھال نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ تۈزىتىشنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مالىيە مەبلىغى خەلقتىن ئېلىنىدىغان بولۇپ، خەلققە ئىشلىتىلىدۇ. داۋەن بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە مەبلىغى سەرپ قىلىپ تەنتەربىيە سارىيى سېلىشى شۇ جايدىكى پۇقرالارغا نىسبەتەن ئەسلىدە ناھايىتى ياخشى ئىش ئىدى. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ كۆپچىلىككە بەدەن چېنىقتۇرالايدىغان، مۇسابىقە ئۆتكۈزەلەيدىغان ئەلا سۈپەتلىك ئاممىۋى بوشلۇق كۆپەيتىپ بەرگەنلىك بولۇپ، كىشىلەرنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشقا پايدىلىق ئىدى. بولۇپمۇ مەزكۇر بازارنىڭ 80 مىڭ نوپۇسى بولسىمۇ، ئاران 4 ۋاسكېتبول مەيدانى بار ئەھۋالدا، مۇشۇنداق يېڭى، ئازادە، ئەسلىھەلىرى بىر قەدەر تولۇق تەنتەربىيە سارىيى پۇقرالارنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇرالايدۇ. ئەمما داۋەن بازارلىق ھۆكۈمەت ئۇنى مەخسۇس بازارلىق ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ئىشلىتىدىغان «ئىچكى توپ مەيدانى» سۈپىتىدە ئىشلەتكەن، ئادەتتە دائىم بىكار قالغان ھالەتتىمۇ ئاممىغا ئېچىۋەتمىگەن، بۇ مەيلى ھېسسىيات، قائىدە ۋە ياكى قانۇن نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ توغرا ئەمەس، يەنە ئاممىۋى بايلىقنى زور دەرىجىدە ئىسراپ قىلغانلىق. داۋەن بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئاتالمىش «بىخەتەرلىكنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئۈچۈن» دېگەن سۆزى قۇرۇق گەپتىن باشقا نەرسە ئەمەس. پۇقرالارنىڭ تەنتەربىيە سارىيىغا بېرىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشى كىمنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسەتتى؟ كېلىدىغان ئادەم كۆپ بولۇپ، باشقۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئاشقان بولسا، ئاممىنىڭ كىرىشىنى پۈتۈنلەي چەكلەپلا ئىشنى تۈگىتىشكە بولامدۇ؟ ئۇنداقتا تەنتەربىيە سارىيى سېلىشتىكى ئەسلى مەقسەت زادى نېمە؟ ئېنىقكى، بۇ ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى شەخسىيلەر ئىشلىتىشنىڭ باھانىسى خالاس، شۇنداقلا بەزى كادىرلاردا يەنىلا ئىمتىياز ئىدىيەسىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى، ئاممىدىن ئېغىر دەرىجىدە ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

  ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاممىۋى تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى «قۇلۇپلاپ قويۇش» ئەھۋاللىرى بەك كۆپكەن. مەسىلەن بەزى يېزا-بازارلاردا، بەزى جايلاردا ۋاسكېتبول مەيدانى ئامبار ئورنىدا ئىشلىتىلگەن، بەزى جايلاردا ۋاسكېتبول گارلىرى قۇلۇپلانغان، بەزى جايلاردا پۇتبول مەيدانىنىڭ دەرۋازىسى تاقاق، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىسراپچىلىق كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ، غەزەپلەندۈرىدۇ. بۇلار بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغىنى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى بازارلىق ھۆكۈمەتلەر دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە ھۆكۈمەت قورۇسىنى شۇ جايدىكى ئاممىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېچىۋېتىپ، ئاممىنىڭ ئاشلىقنى ئاپتاپقا سېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ، ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن، بەزىلىرى ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى ئېچىۋېتىپ، شۇ جاينىڭ كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى، بەزى مەكتەپلەر كېچىلىك ۋە بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە شەھەر ئاھالىلىرىگە مەيداننى ھەقسىز ئېچىۋېتىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدانى يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلدى. بۇ ئىككى خىل ئەھۋال پەيدا قىلغان ئوخشىمىغان ئۈنۈم شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، پۇقرالارنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئۈمىدىنى كۆڭلىگە پۈككەن-پۈكمىگەنلىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش-ئىشلىيەلمەسلىكىنىڭ ئاچقۇچى.

  داۋەن بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىنىڭ تەنتەربىيە سارىيىغا كىرىشىنى چەكلىشىنىڭ سەۋەبى تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىدىيەسىنىڭ سۇسلىشىپ كەتكەنلىكىدە. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلار تەكشۈرۈشكە باشلىدى، نۆۋەتتە تەنتەربىيە سارىيىمۇ ئاممىغا ئېچىۋېتىلدى. ئەمدى تەنتەربىيە سارىيىنى قانداق ياخشى يۈرۈشتۈرۈش ۋە باشقۇرۇشمۇ بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت. بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەسىلىلەر يەنىلا شۇ جاينىڭ، ھەتتا باشقا جايلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشىغا ئەرزىيدىغان بولۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق خەلققە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ