ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2024.04.30 10:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 18-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 29-ئاپرېل بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

  يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى. ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا تەشكىللەپ ۋە يېتەكلەپ، غەربىي رايوننىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق تونۇپ، نۇقتىلىق خىزمەت، ئاچقۇچلۇق ھالقا ۋە يېڭى مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى پائال كېڭىشىپ مۇھاكىمە قىلىپ، ئەقىل كۆرسىتىپ ۋە كۈچ چىقىرىپ، يېڭى دەۋردە غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىش كېرەك. كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم رولىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مەخسۇس كۆزىتىشى ۋە ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك كۆزىتىشىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ئورگان كادىرلىرىنى سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشقا يېتەكلەپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-سانلىق يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ۋە كۈن تەرتىپى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-سانلىق يىغىنىنى 4-ئىيۇندىن 6-ئىيۇنغىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

  يىغىندا «سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلەر يىغىنى ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى ھەمدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: رەئىسلەر يىغىنى ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش--باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، چارە-تەدبىر كۆرسىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىيەتكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە تاڭ يىجۈننىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-سانلىق يىغىنىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا سۇنۇلدى.

  رەئىسلەر يىغىنىدا 2024-يىللىق 2-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىندى، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو گۈزەل سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇش باش تېما قىلىندى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيىنىڭ باشلىقى ۋۇ ۋېيشەن تەكلىپكە بىنائەن دوكلات بەردى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن باتېر، چېن ۋۇ، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ