شى جىنپىڭ فىرانسىيە تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى

2024.05.06 10:17 مەنبە: خەلق تورى

  5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، پارىژغا بېرىپ فىرانسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش پەيتىدە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فىرانسىيە «فىگارو گېزىتى»دە «جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  زۇڭتۇڭ ماكروننىڭ تەكلىپى بىلەن فىرانسىيەدە 3 - قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.

  جۇڭگو خەلقىنىڭ قەلبىدە، فىرانسىيە ئۆزگىچە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. بۇ زېمىندا ئىلگىرى دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە نۇرغۇن پەيلاسوپ، ئەدىب، سەنئەتكارلار بارلىققا كېلىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئىدىيەۋى ئىلھام بىلەن تەمىنلىگەن. 150 نەچچە يىل ئىلگىرى، فىرانسىيەلىك زاتلار جۇڭگو فۇجيەن كېمىسازلىقى ۋە فۇجيەن كېمىسازلىقى مەكتىپى قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان، فىرانسىيە ئەڭ بۇرۇن جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت فىرانسىيەدە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلغان؛ يۈز يىل ئىلگىرى جۇڭگولۇق ياشلار فىرانسىيەگە بېرىپ ئىلىم ئۆگەنگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئىرادىلىك ياشلار كېيىن يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان. فىرانسىيە غەربتىكى چوڭ دۆلەتلەر ئىچىدە ئالدى بىلەن يېڭى جۇڭگو بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.

  2024- يىلى بىر ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە تۈگۈن. مەن مۇشۇ پەيتتە فىرانسىيەگە كېلىپ، جۇڭگودىن ئۈچ خەۋەرنى ئېلىپ كەلدىم.

  − جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئېچىش، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  بۇ يىل جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى. 60 يىل ئىلگىرى، دېگول جياڭجۈن دەۋر ئىستراتېگىيەلىك نەزەرىدىن چىقىش قىلىپ، يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى قارار قىلغانىدى. سوغۇق ئۇرۇش جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، مۇستەقىل ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇپ بۇ قارارنى چىقىرىش ئىنتايىن قىيىن ئىدى، ئەمەلىيەتمۇ ئۇنىڭ توغرا ۋە يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈكنى سالدى، شۇنداقلا خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى.

  60 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر دەۋرگە يېقىندىن ئەگىشىپ ماڭدى. جۇڭگونىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە، ئىككى دۆلەت باشلامچىلىق بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، مېخانىزم خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەتلىشىشنى باشلىدى؛ باشلامچىلىق بىلەن ئاۋىياتسىيە، يادرو ئېنېرگىيەسى، 3 - تەرەپ بازىرى قاتارلىق ھەمكارلىقلارنى قانات يايدۇردى؛ باشلامچىلىق بىلەن ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىپ، ئۆزئارا مەدەنىيەت يىلى ئۆتكۈزۈپ، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش «پارىژ كېلىشىمى»، «كۇنمىڭ − مونترېئال يەرشارىۋى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى رامكىسى»غا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى كىلىمات قارالمىسىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى.

  تارىخ ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى. بۈگۈنكى دۇنيا تولىمۇ تىنچسىز بولۇپ، يەنە بىر قېتىم قاتمۇقات خەۋپ - خەتەرگە دۇچ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو - فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  − جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، فىرانسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

  بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. 75 يىلدىن بۇيان، بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشىغا تايىنىپ، جۇڭگو نامرات ھەم ئارقىدا قالغان ھالەتتىن تەرەققىي قىلىپ دۇنيادىكى 2 - چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى، يېزىلاردىكى نەچچە يۈز مىليون نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدا مۆجىزە ياراتتى. 2023 - يىلى جۇڭگو ئىقتىسادى %5.2 ئاشتى، 2024 - يىلىدىكى نىشان %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەرەققىيات سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش. جۇڭگو داۋاملىق يەرشارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ.

  جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىكى بىر مۇھىم تەجرىبە شۇكى، سىرتقا ئېچىۋېتىشتە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش. بىز فىرانسىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز. بىز فىرانسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىمىز، ياسىمىچىلىق كەسپى ئىجازىتى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىلدى، تېلېگراف، داۋالاش قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرى ئىجازىتىنى قويۇۋېتىشنى تېزلىتىمىز. بىز يەنە فىرانسىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ئاددىي پۇقرالىرىغا قارىتا 15 كۈنلۈك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى چىقاردۇق، چەت ئەللىك خادىملارنىڭ جۇڭگودا ساياھەت قىلىشى، چىقىم قىلىشىغا قولايلىق يارىتىدىغان يېڭى تەدبىرلەرنى تۈزدۇق.

  جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشى يەنە كارخانىلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر، فىرانسىيە يېشىل، ئىجادىي بولۇشنى ئاساس قىلغان «قايتا سانائەتلەشتۈرۈش»نى ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، جۇڭگومۇ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپ يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرسە بولىدۇ. بىر قىسىم جۇڭگو كارخانىلىرى فىرانسىيەدە باتارېيە زاۋۇتى قۇردى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ فىرانسىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى قوللايدۇ، شۇنداقلا فىرانسىيە تەرەپنىڭمۇ ئۇلارنى ئادىل، ھەققانىي تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  − جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.

  بۇ يىل تىنچ بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىل ئىلگىرى، زۇڭلى جوۋ ئېنلەي تۇنجى قېتىم «بىر - بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق، بىر - بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچ بىللە تۇرۇش»تىن ئىبارەت بەش پىرىنسىپنى مۇكەممەل ئوتتۇرىغا قويغانىدى. 70 يىلدىن بۇيان، تىنچ بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنىپ ۋە ئېتىراپ قىلىنىپ، ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ مۇھىم مىزانىغا ئايلاندى.

  جۇڭگو تىنچ بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپىنىڭ سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئەزەلدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىر مەيدان ئۇرۇش قوزغاپ باقمىدى، ئەزەلدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىر سۇڭ يېرىنىمۇ ئىگىلىۋالمىدى. جۇڭگو يەنە دۇنيادىكى تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزگەن بىردىنبىر دۆلەت، يادرو چوڭ دۆلەتلىرى ئىچىدە يادرو قورالىنى ئالدى بىلەن ئىشلەتمەسلىككە ۋەدە بەرگەن بىردىنبىر دۆلەت.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو لايىھەسى تەقدىم قىلىپ، پۈتۈن يەرشارىدىكى 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتىم.

  جۇڭگو تەرەپ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ ياۋروپا خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن زەربىسىنى چۈشىنىدۇ. جۇڭگو ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى پەيدا قىلغۇچىمۇ ئەمەس، شۇنداقلا ئالاقىدار تەرەپمۇ ئەمەس، قاتناشقۇچى تەرەپمۇ ئەمەس، لېكىن بىز ئىزچىل كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا ئىجابىي رول ئويناپ كەلدۇق. مەن ئارقا - ئارقىدىن كۆپ تۈرلۈك مۇراجىئەتلەرنى ئېلان قىلدىم، بۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئەھمىيەت بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يادرو قورالىنى ئىشلەتمەسلىك، يادرو ئۇرۇشى قىلماسلىقنى تەكىتلىدىم. جۇڭگو ئۇكرائىنانى كۆپ تۈركۈمدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى، ئالاقىدار دۆلەتلەرگە كۆپ قېتىم ئالاھىدە ئەلچى ئەۋەتىپ ياراشتۇردى. ئۇكرائىنا كىرىزىسى قانچە ئۇزاق داۋاملاشسا، ياۋروپا ۋە دۇنياغا بولغان زىيىنى شۇنچە زور بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ بالدۇرراق تىنچ، مۇقىم بولۇشقا قايتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، فىرانسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە كىرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ مۇۋاپىق يولىنى تېپىپ چىقىشنى خالايدۇ.

  پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ئوخشاشلا كىشىلەر قەلبىگە تەسىر كۆرسەتتى. پەلەستىن - ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشتىن ئىبارەت. تارىخ شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، پەلەستىن - ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتىنىڭ كەينى - كەينىدىن داۋالغۇش پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشىدىكى تۈپ سەۋەب بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارارىنىڭ ھەقىقىي ئىجرا قىلىنمىغانلىقى، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» ئاساسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يىمىرىلگەنلىكى، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ توغرا يولدىن چەتنەپ كەتكەنلىكىدە. جۇڭگو - فىرانسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ پەلەستىن - ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە نۇرغۇن ئورتاق تونۇشى بار، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  كۇڭزى مۇنداق دېگەنىدى: «ئەخلاق - پەزىلەتلىك كىشىلەر مۇلايىم كېلىدۇ، جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋالمايدۇ، مانا بۇ ھەقىقىي كۈچلۈكلۈك؛ بىتەرەپلىكنى ساقلاپ ئېغىشماسلىق، مانا بۇ ھەقىقىي كۈچلۈكلۈك.» فىرانسىيەلىك يازغۇچى رومىن روللان مۇنداق دېگەنىدى: «مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈشتىن ۋاز كېچىش بارلىق بەختسىزلىكنىڭ يادروسى.» جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە مۇستەقىل ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش روھىغا ئىگە ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنىدىكى ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشتا غايەت زور ئېنېرگىيە ئۇرغۇتۇپ، دۇنيانىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسەتتى. يېڭى تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ يەنە ئاتلىنىپ، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىدە يېڭى تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە دۇنياغا بەخت يارىتايلى!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ