شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2024.05.07 13:11 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پارىژ ئېلسې سارىيىدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن بوگۇ فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پارىژدىكى ئېلسې سارىيىدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 60 يىل بولغان پەيتتە فىرانسىيەدە 3 - قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ 60 يىللىق قىممەتلىك مۇساپىسى بىزنى كېيىنكى 60 يىلنى قانداق باشلاش ئۈستىدە تېخىمۇ ياخشى ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ. ھازىرقى دۇنيادىكى 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە، ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇشى ھەم ئۇنىڭغا يېڭىچە دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنى قوشۇپ، يېڭى مەزگىلدىكى ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ۋە مۇقىم بولغان، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىدىغان جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش» ياكى لاگېرلار قارشىلىشىشىنىڭ ئورتاق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك؛ ئۆزئارا چۈشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، رەڭدار دۇنيادا ئىناق بىللە ئۆتۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلىشىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش»كە ئورتاق قارشى تۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلاپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىنى مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ. ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ كەڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ تەڭپۇڭلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو فىرانسىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىپ، «فىرانسىيە دېھقانچىلىق مەيدانىدىن جۇڭگونىڭ تاماق ئۈستىلىگىچە» مېخانىزمى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ، فىرانسىيەنىڭ جۇڭگوغا تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى تېخنىكىلىق، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالەم قاتنىشى، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئەۋزەل ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يادرو ئېنېرگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېشىل ئېنېرگىيە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، بىيو تېببىي دورا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى كېرەك. جۇڭگو ياسىمىچىلىق ئىجازىتىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى، تېلېگراف، داۋالاش قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ بازار ئىجازىتىنى ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ فىرانسىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە فىرانسىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ فىرانسىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشىنى ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى ۋە مۇقىم تەرەققىيات مۆلچەرى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئوخشاشلا مەدەنىيەت چوڭ دۆلىتى، ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشتا «قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش»نى تېزلىتىپ، جۇڭگو - فىرانسىيە مەدەنىيەت - ساياھەت يىلىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئۆتكۈزۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بىرلىكتە قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى ۋە دۇنياۋى مىراس جايلىرىنىڭ دوستلۇق ئورنىتىشى قاتارلىق ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تېخىمۇ كۆپ فىرانسىيەلىك دوستلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، فىرانسىيە قاتارلىق 12 دۆلەت پۇقرالىرىغا قارىتىلغان جۇڭگوغا قىسقا مۇددەتلىك كېلىشتە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنىڭ قەرەلىنى 2025 - يىلى يىل ئاخىرىغىچە ئۇزارتىدۇ، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا فىرانسىيەدىن جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 10 مىڭدىن ئېشىشى، جۇڭگوغا ئالماشتۇرۇشقا كېلىدىغان ياۋروپالىق ياش - ئۆسمۈرلەر كۆلىمىنىڭ بىر قاتلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپنىڭ پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى فىرانسىيەگە مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، فىرانسىيە تەرەپنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېڭىز - ئوكيان يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار دۆلەت باغچىلىرى ۋە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىنىڭ قوشماقلىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ يەنە فىرانسىيە تەرەپ بىلەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىدارە قىلىش، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئىسلاھاتى قاتارلىق ساھەلەردىكى سۆھبەت ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  ماكرون مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو فىرانسىيە - جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى بىرلىكتە داغدۇغىلىق تەبرىكلەيدۇ. فىرانسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى دوستانە، ھەمكارلىقى مول نەتىجىلىك بولۇپ، يۇقىرى، ئىلغار تېخنىكىلارغا ئالاقىدار بولۇپلا قالماي، يەنە كىلىمات ئۆزگىرىشى، دېڭىز - ئوكيان جانلىقلىرىنىڭ كۆپ خىللىقى قاتارلىق يەرشارىۋى قارالمىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، فىرانسىيە - جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئىستىقبالىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. ھازىر، دۇنيا نۇرغۇن جىددىي خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، فىرانسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئاچىدىغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ. فىرانسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتسە، يەرشارىۋى خىرىسلارنى ھەل قىلىش، گۇرۇھلارنىڭ تىركىشىش، قارشىلىشىشىدىن ساقلىنىشتا مۇھىم ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد مۇناسىۋىتى ۋە كۆپ تەرەپلىك ئالاقە، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، فىرانسىيە - جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگوغا تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگوغا قارىتا بازارنى ئېچىۋېتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىغا قارىتا كەمسىتىش خاراكتېرلىك سىياسەت قوللانمايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ، جۈملىدىن يۇقىرى تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ فىرانسىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالەم قاتنىشى - ئاۋىياتسىيە، پۇقراۋى يادرو ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بۇ يىللىق فىرانسىيە - جۇڭگو مەدەنىيەت - ساياھەت يىلى پائالىيىتىنى ئورتاق ياخشى ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆمەك ئەۋەتىپ پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. فىرانسىيە تەرەپ كىلىمات ئۆزگىرىشى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يەرشارىۋى مەسىلىلەر توغرىسىدا جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىدىكى ئاساسىي مەقسەتنى ۋە خەلقئارا قانۇننى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

  ئىككى تەرەپ يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى ۋە پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا تولىمۇ تىنچ ئەمەس، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئوخشاشلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى تىنچ ھەل قىلىشقا پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى، ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان دۇنيا قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى پۇرسەت بىلىپ، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە يەرشارى بويىچە ئۇرۇش توختىتىش، توقۇنۇشنى تۈگىتىشنى تەشەببۇس قىلىشنى خالايدۇ.

  ئىككى تەرەپ ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە دېڭىز - ئوكيان، يېزا ئىگىلىكى جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش توغرىسىدا تۆت قوشما بايانات ئېلان قىلدى، يېشىل تەرەققىيات، ئاۋىياتسىيە، يېزا ئىگىلىكى - يېمەكلىك، سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردە 20گە يېقىن ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى.

  سۆھبەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىلەن ماكرون بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

  شۇ كۈنى كەچتە، ماكرون ۋە رەپىقىسى برىگىت ئېلسې سارىيىدا شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئۈچۈن كاتتا قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

  سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ