شى جىنپىڭ 15 - نۆۋەتلىك ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2024.05.06 09:09 مەنبە: تىيانشان تورى

  5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، 15 - نۆۋەتلىك ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ بانجۇلدا ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئىسلام دۆلەتلىرى بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللىدى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ