لى چياڭ 2024 –يىللىق بېيجىڭ خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى :

ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورلاشقان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بولۇش، يېشىل بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2024.04.30 08:47 مەنبە: خەلق تورى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 28 - ئاپرېل 2024 – يىللىق بېيجىڭ خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورلاشقان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بولۇش، يېشىل بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ۋە يارىتىش كېرەك.

  «يېڭى دەۋر، يېڭى ئاپتوموبىل» باش تېما قىلىنغان 2024-يىللىق بېيجىڭ خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى بېيجىڭ جۇڭگو خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. لى چياڭ كۆرگەزمە سارىيىغا كېلىپ، دۇڭفېڭ، بىيادى، جىجى، جىيۆ، باۋما، جىلى، شياۋمى، سەيلىسى، شياۋپېڭ قاتارلىق نۇرغۇن ئاپتوموبىل ماركىسى كۆرگەزمە رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان ئاپتوموبىل تىپى ۋە تېخنىكا كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئالاقىدار كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ ناھايىتى ئىلھاملاندىم، ئېلىمىزنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورلاشقان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك، بولۇپمۇ مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى، سىجىل يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىغا تايىنىپ، بازار رىقابىتى، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقتا ئۈستۈنلۈك شەكىللەندى، داۋاملىق تىرىشىپ، بۇ ئەۋزەللىكنى ساقلاپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىرقى ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرى بۇرۇنقىغا ئوخشاش، ئۇ نوقۇل قاتناش قورالى بولماستىن، بەلكى ھەر خىل تېخنىكىلاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىدىغان بىرىكمە سىستېما بولۇپ قالدى. تور بىرلەشمە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى ماشىنا، ئېلېكترون، ھېسابلاش، ئۈن - سىن، ئېنېرگىيە ساقلاش قاتارلىق كۆپ خىل تېخنىكىلارنى بىر گەۋدە قىلغان «چوڭ نومۇرلۇق تېرمىنال » دېيىشكە بولىدۇ، ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسلىق يۆنىلىشى بولۇپ، ناھايىتى كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە. ئاپتوموبىل كارخانىلىرى يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ئېھتىياجنى يېتەكچى، سۈپەتنى ئاساس قىلىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، كەسىپ زەنجىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كۈچەيتىپ، ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا بويىچە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە جۇڭگو ۋە دۇنيادىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورلاشقان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بازىرى سىجىل زورىيىۋاتىدۇ، غايەت زور ئېھتىياج بوشلۇقىغا ئىگە. ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورلاشقان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بەلگىلىك دەرىجىدە دۇنيا كەسىپ ھەمكارلىقىنىڭ مەھسۇلى. كەلگۈسى تەرەققىيات ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تېخىمۇ موھتاج. جۇڭگو مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ، بازار ئىجازىتىنى داۋاملىق قويۇۋېتىپ، سودىغا مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى - تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، جۇڭگو - چەت ئەل ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ كاپىتال، تېخنىكا، باشقۇرۇش، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كەڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو بازار پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىسلاھاتىدا ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش كېرەك.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە ئېلىمىز يېڭى بىر نۆۋەتلىك كەڭ كۆلەملىك ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ. ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ سېلىنمىنى كېڭەيتىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى تۈرتكىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرىنى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كىرگۈزۈش كېرەك. سېتىۋېلىش، ئىشلىتىشكە مەدەت بېرىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زەرەتلەش ئۇل ئەسلىھە تورى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىستېمال قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاپتوموبىل قاتارلىق تاۋارلارنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە قويۇپ بېرىش كېرەك.

  ۋۇ جېڭلۇڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ