خەن جېڭ پېرۇنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى، ئارگېنتىنانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى

2024.04.30 10:35 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  29-ئاپرېل، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ بېيجىڭدا پېرۇنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى گونزالېس ئولېچېيا ۋە ئارگېنتىنانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى موندىنو بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

  خەن جېڭ گونزالېس ئولېچېيا بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ بولۇرئارت بۇلتۇر 11-ئايدا سان فرانسىسكودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىپ، جۇڭگو-پېرۇ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. جۇڭگونىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارزۇسى ئېنىق ۋە قەتئىي، پېرۇ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىلىشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇپ، جۇڭگو-پېرۇ مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز. جۇڭگو پېرۇنىڭ بۇ يىللىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ.

  گونزالېس ئولېچېيا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پېرۇ بىلەن جۇڭگو مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى پۇختا ئاساسقا ۋە كەڭ ئىستىقبالغا ئىگە. پېرۇ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پېرۇ-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

  خەن جېڭ موندىنو بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو-ئارگېنتىنا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. جۇڭگو-ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى. رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى ۋە دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو ئارگېنتىنا بىلەن داۋاملىق ئۆزئارا چۈشىنىشنى، ئۆزئارا قوللاشنى، بىر-بىرىنىڭ تەرەققىيات يولىدىكى ھەمراھلىرىدىن بولۇشنى، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.

  موندىنو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئارگېنتىنا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىي قىلدى، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئارگېنتىنا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئارگېنتىنا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ، جۇڭگونىڭ بىر قاتار مۇھىم ئىدىيە ۋە تەشەببۇسلىرىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشنى ئۈمىد قىلىدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئارگېنتىناغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ