فىرانسىيە، سېربىيە ۋە ۋېنگىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن بېيجىڭدىن ئايرىلدى

شى جىنپىڭ پارىژغا يېتىپ بېرىپ فىرانسىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

2024.05.06 10:16 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن پارىژغا يېتىپ باردى، فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ماكروننىڭ تەكلىپى بىلەن فىرانسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن پارىژدىكى ئورلى ئايروپورتىغا يېتىپ بارغاندا، فىرانسىيە زۇڭلىسى ئاتتال قاتارلىق فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن پارىژغا يېتىپ باردى، فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ماكروننىڭ تەكلىپى بىلەن فىرانسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن پارىژدىكى ئورلى ئايروپورتىغا يېتىپ بارغاندا، فىرانسىيە زۇڭلىسى ئاتتال قاتارلىق فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

  شى جىنپىڭ يازما سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن فىرانسىيەدە 3 - قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، فىرانسىيە خەلقى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. شەرق - غەرب مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئۇزاقتىن بۇيان بىر - بىرىدىن زوقلىنىپ، بىر - بىرىنى جەلپ قىلىپ كەلدى. 60 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو - فىرانسىيە ئىككى دۆلەت سوغۇق ئۇرۇش توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 60 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر جۇڭگونىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى. جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت - سائادەت يارىتىپلا قالماي، يەنە داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان دۇنياغا مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشتى. زىيارەت مەزگىلىدە، مەن زۇڭتۇڭ ماكرون بىلەن يېڭى ۋەزىيەتتىكى جۇڭگو - فىرانسىيە، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە ھازىرقى زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىمەن. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تارىخ مەشئىلى ئارقىلىق ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتۇپ، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

  جۇڭگونىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇ شايېمۇ ئايروپورتقا بېرىپ كۈتۈۋالدى.

  شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن ئايروپورتتىن تۇرىدىغان مېھمانسارايغا بېرىش يولىدا، خۇارېن - خۇاچياۋلار ۋە جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئۆزلۈكىدىن يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ساقلاپ، «ياشىسۇن جۇڭگو - فىرانسىيە دوستلۇقى!»، «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ فىرانسىيەدىكى زىيارىتىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز!» قاتارلىق خەتلەر يېزىلغان قىزىل پىلاكاتلارنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگو - فىرانسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، داقا - دۇمباق چېلىپ، ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى ئويناپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

  5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ماكرون، سېربىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ، ۋېنگىرىيە زۇڭتۇڭى سۇليوك ۋە زۇڭلىسى ئورباننىڭ تەكلىپى بىلەن، يۇقىرىقى ئۈچ دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن ئايرىلدى.

  شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە چىققانلاردىن: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار بار.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ