مۇھىم خەۋەرلەر

خەلق تورى ئوبزورى: تور چولپانلىرى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قىياپىتى بىلەن دالدىلىغان ئازابلارنى ئاشكارىلاش زۆرۈر

2024.05.07 21:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بار «فېيفېينىڭ بىر رومكا ھارىقى» ناملىق تور چولپىنىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ھەر قايسى چوڭ سۇپىلارنىڭ كۆپ كۆرۈلگەن تېمىلىرى قاتارىغا چىقتى. ئۇنىڭ مىكرو بىلوگدىكى مۇسىبەتنامىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ، 2024-يىل 4-ئاينىڭ 15-كۈنى خېنەن ئۆلكىلىك جۇڭگو تىبابىتى دوختۇرخانىسىدا 34 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

  4-ئاينىڭ 15-كۈنى «فېيفېينىڭ بىر رومكا ھارىقى» ناملىق تور چولپىنىنىڭ ھەرقايسى سۇپىلاردىكى تاراتقۇسىدا پىۋىنى باھالاش ھەققىدىكى مەزمۇن يېڭىلانغان بولۇپ، بەزى تورداشلار ئالدىنقى كۈنى كەچتە ئۇنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىشىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. نۆۋەتتە ئېلان قىلىنغان چەكلىك ئۇچۇرلاردىن بۇ تور چولپىنىنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشىنىڭ ھاراق ئىچىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما «فېيفېينىڭ بىر رومكا ھارىقى»نىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى يەنىلا كەڭ تورداشلارنىڭ «تور چولپىنى» كەسپىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا بولغان دىققىتىنى قوزغىدى.

  تور سۇپىلىرىدا، لايخورەكنى تىرىك يۇتۇش، پۇت يۇيغان سۇنى ئىچىش، جازا ھارىقى ئىچىش، ئاياغ چەمى بىلەن ئاغزىغا ئۇرۇش قاتارلىق ۋەھشىيلىك، ياۋۇزلۇقنى قوزغايدىغان جان تىكىش شەكلىدىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش كۆپىيىپ قالدى. بۇنداق بىۋاسىتە كۆرسىتىشنىڭ بازىرى چىقىشى بىلەنلا بىر قىسىم كىشىلەر ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي تەۋەككۈل قىلىپ سىناپ بېقىشقا باشلىدى. «تور چولپانلىرى»نىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قىياپىتىنىڭ دالدىسىدا تور رىياسەتچىسى بولۇشنىڭ شەرتى تۆۋەن، رىقابەت بەك كەسكىن بولغاچقا، كۆپ پۇل تاپالايدىغان «تور چولپىنى» بولۇش ئەمەلىيەتتە ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ تەس. شۇڭا نۇرغۇن تور رىياسەتچىلىرى قىزغىنلىق ۋە رىقابەت كۈچىنى ساقلاپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى جەلپ قىلىش ۋە تارتۇق پۇلىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلمايدىغانلىرى قالمىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تورنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مۇھىتى كۆرۈنەرلىك چىڭىدى، مەزمۇن ئىشلەپچىقىرىشقا بولغان تەلەپ داۋاملىق ئۆستى، ئەمما تۈرلۈك بىۋاسىتە كۆرسىتىش قالايمىقانچىلىقى چەكلەپ تۇرسىمۇ يەنىلا كالا تەمرەتكىسىگە ئوخشاش يامرىدى، بۇنىڭ مەنبەسى يەنىلا ئېرىشكىلى بولىدىغان پايدىنىڭ بولغانلىقىدا. «ھايۋانات سوقۇشتۇرۇش مەيدانى»دىكى رىياسەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە مەزمۇنلارنى ئىشلەپچىقىرالمىغاچقا، «باتۇرلۇق بىلەن ياۋۇزلۇق قىلىش» ئۇلارنىڭ «مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىش»تىكى ئەڭ ئاسان يولى بولۇپ قالدى. بىراق مەزمۇنلار ئوخشىشىپ قېلىشتەك يامان سۈپەتلىك رىقابەتتە ئۇلار «پاتقاققا چوڭقۇر پېتىپ»، ئۆزىنى تارتالمىدى. ئۇلار توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرۈدىغان مەستانىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ غەلىتە ئىشلارغا قىزىقىدىغان روھىي ھالىتىنى بىلىدۇ، ئەمما مەستانىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەر بىر قېتىملىق چېكىپ كۆرۈشى، ھەر قېتىملىق تارتۇقلىشىنىڭ بۇ خىل بىۋاسىتە كۆرسىتىش قىلمىشىغا شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلماسلىقى مۇمكىن.

  تور چولپانلىرىنىڭ كەسپ جەھەتتە دۇچ كەلگەن ئېغىر خەتەرنى يەككە ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەس، بەلكى بۇ كۆپ خىل مۇرەككەپ شارائىتنىڭ گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېكران ئىچى-سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئادەملەر ئارا، قەلبلەر ئارا ئارىلىقنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى، توردىكى بۇ كەسپنىڭ پاكىز ھالىتى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئورتاق قوغدىشىغا مۇھتاج.

  قىسمەن رىياسەتچىلەر قوشۇمچە تاراتقۇ يۈرۈشتۈرۈش، قەستەن يوشۇرۇپ سۆزلەش، «ياپتا گەپ قىلىش» ئارقىلىق سۇپىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، تىجارەت سۇپىلىرى تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئامما كۆرسىتىپ بەرگەندە ئاندىن جازالاشتەك پاسسىپلىقتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرگەن-ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكىنى ياخشى تەكشۈرۈشى كېرەك. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «قاتتىق» چۆچۈتۈش سالمىقىنى ساقلىشى كېرەك. رىياسەتچىلەر ئۆزىمۇ ئەڭ ئەقەللىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى دوغا تىكمەسلىكى كېرەك.

  بىز سۇپا، ئابونتلار ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنى بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، ھاياتىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ