مۇھىم خەۋەرلەر

«بىر ۋاراق قەغەز»گە پاتىدىغان دوكلات ياخشى ئەمەسمۇ؟

2024.05.07 21:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى سەككىز تۈرلۈك تەدبىرنى يولغا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككىنچى تەدبىر «ھۆججەت ئىستىلى، يىغىن ئىستىلىنى سىجىل ياخشىلاش» قىسمىدا، «ماتېرىياللارنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، <بىر ۋاراق قەغەز>گە پاتىدىغان دوكلاتنى تەشەببۇس قىلىش» مەخسۇس تىلغا ئېلىنىپ، نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى.

  خۇلاسە، دوكلات قاتارلىق ھۆججەت-ماتېرىياللارنى يېزىش __ ئاساسىي قاتلامدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى يۇقىرىغا يوللاشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئۇسۇل. ئەمما قاچاندىن باشلانغانلىقى نامەلۇم، ئاساسىي قاتلامدىكى بەزى جايلاردا خۇلاسە دوكلاتى يازغانسېرى ئۇزىراپ، «ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، كېچىچە ئۇخلىماي ماتېرىيال يېزىش» نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ «دېيەلمەيدىغان ئازابى» بولۇپ قالدى.

  خۇلاسە دوكلاتىنى ئۇزۇن يازغان بىلەن، ئەگەر ھەممىسى «نەق گەپ» بولسىغۇ مەيلى، مۇھىمى كۆپىنچىسىدە قۇرۇق گەپ بەك كۆپ، ئەسقاتقۇدەك گەپ يوق. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، بەزىلىرى ئالدى- كەينىگە قۇرۇق گەپ قوشۇپ، ماتېرىياللارنى دۆۋىلەپ، قۇرۇق گەپ-سۆزلەرنى دۆۋىلەيدۇ؛ بەزىلىرى ئەينەن كۆچۈرۈپ، ماۋزۇسىنىلا ئۆزگەرتىپ، مەزمۇنى ئوخشاش، تىل جەھەتتە ئوخشاش قىلىپ قويىدۇ؛ بەزىلىرى ئارتۇق گەپلەرنى قوشۇپ، قىسقا گەپلەرنى ئۇزارتىپ قىلىپ، قارىماققا ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە تېمىدىن چەتنەپ كېتىدۇ.

  كاللىسى قۇرۇق، پۇچەك خۇلاسە دوكلاتىنى يازغانلار چارچاپ كېتىدۇ، ئوقۇغانلارمۇ ھېرىپ قالىدۇ. ھېچكىم «ھورۇن خوتۇننىڭ پايتىمىسى»نى ياقتۇرمايدۇ، ئەمما نېمە ئۈچۈن ئۇزۇن ئەمما نامۇۋاپىق «دوگما دوكلات-خۇلاسە» ئاساسىي قاتلامدا ئەۋج ئالىدۇ؟ تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، يەنىلا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئىشى.

  بۇلارنىڭ ئىچىدە «كاللىدىكى» خاتا تونۇش بار، مەسىلەن، بەزىلەر ماتېرىيالنى ئۇزۇن يېزىشنى «يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتلەرگە ئەھمىيەت بەرگەنلىك ۋە ئەستايىدىللىقنىڭ ئىپادىسى» دەپ قارايدۇ، بەزىلەر «چوڭ گەپ، قۇرۇق گەپ، تۆھپىنى مەدھىيلەيدىغان سۆزلەر ئەڭ بىخەتەر» دەپ قارايدۇ، يەنە «ھەرىكەتتىكى» ئىستىل بوشاڭلىقىمۇ بار، ئادەتتە تۆۋەنگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈشنىڭ جاپاسىنى تارتىشنى خالىماي، پەقەت تەييار ھۆججەت، كىتاب، توردا ماتېرىيال ئىزدەيدۇ، ماھىيەتلىك نەتىجە، چوڭقۇر كۆزقاراش كەمچىل بولغاچقا، «چوڭ ھەم تولۇق»، «كىچىك ھەم تولۇق» بولۇشنى قوغلىشىپ، جۈملە تۈزۈش، قاپىيە كەلتۈرۈش جەھەتتە چوڭقۇر ئويلىشىپ، يۈزەكى ئۇزۇنلۇق ئارقىلىق رېئاللىقتىكى «كەمچىللىك»نى يوشۇرماقچى بولىدۇ.

  باشقا شەكىلۋازلىققا ئوخشاش، «ئىپادىلىنىشى ئاساسىي قاتلامدا بولسىمۇ، يىلتىزى يۇقىرىدا بولۇش» مەسىلىسى ئۈستىدە ئويلىنىش كېرەك. ئەگەر يۇقىرىنىڭ ماتېرىيال يېزىش تەلىپى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلماي، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتالمىسا، ھەتتا ھە دېسىلا «ئىدىيىۋى تونۇش»، «نەتىجىگە ئېرىشىش»، «مەۋجۇد بولغان مەسىلىلەر»، «بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلان» قاتارلىق يېزىقچىلىق «ئامىللىرى»نىڭ تولۇق بولۇشىنى تەلەپ قىلسا، خەت سانى جەھەتتە ھە دېسىلا ئىككى مىڭ، ئۈچ مىڭدىن ئاز بولماسلىق تەلەپ قىلىنسا، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىمۇ ئامالسىز باش قاتۇرۇپ گەپ توقۇپ چىقىدۇ؛ ئەگەر تۆۋەندىكىلەر يوللىغان ماتېرىياللارنىڭ راست-يالغانلىقىنى يۇقىرىدىكىلەر پەرقلەندۈرمىسە، ئاساسىي قاتلامدىكىلەر نېمىلەرنى يازسا شۇنى ئىشلەتسە، بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن بەزى ئاساسىي قاتلامدىكىلەر داۋاملىق مۇشۇنداق قىلىشى مۇمكىن، ئەگەر يۇقىرىدىن چۈشۈرۈلگەن تۈرلۈك ماتېرىياللار ھە دېسىلا بەش-ئون مىڭ خەتلىك بولۇپ، شەكىلۋازلىق سۆزلىرى بىلەن تولغان بولسا، ئاساسىي قاتلامنىڭ يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىغىمۇ ناچار ئۈلگە كۆرسىتىدۇ. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، ئۇزۇن، قۇرۇق، ساختا يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىنى يوقىتىش-يوقىتالماسلىق، قىسقا، ئەمەلىي، يېڭى يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىنى تۇرغۇزۇش-تۇرغۇزالماسلىقتا، يۇقىرىدىكىلەر مۇھىم ھالقا.

  يولداش ماۋزېدۇڭنىڭ خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى ئۈچۈن تەييارلىغان ئابىدە سۆزى ئاران 114 خەت بولسىمۇ، جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى ئەكس ئەتتۈردى. 1975-يىلى يولداش دېڭ شياۋپىڭ مەسئۇل بولۇپ تەييارلىغان، زۇڭلى جوۋ ئېنلەي 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا بەرگەن دوكلاتمۇ ئاران بەش مىڭ خەت كېلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «جىجياڭدىكى يېڭى سۆزلەر»دىكى 232 قىسقا ماقالىسىمۇ قىسقا سۆزلەر بىلەن مۇھىم قائىدىلەرنى چۈشەندۈرگەن.

  «بىر ۋاراق قەغەز»گە پاتىدىغان دوكلاتنىڭ خەت سانى قارىماققا كۆپ ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە دوكلاتنى يازغۇچىلارنىڭ ھازىرقى خىزمەتكە بولغان پىششىقلىقى، ھۆكۈم قىلىشىنى سىنايدۇ، شۇنداقلا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، ئەمەلىي ئىشلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش روھىنىڭ ئىنكاسى. ماتېرىيال «ئاددىي» بولغاندا، ئاندىن مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ، ماتېرىيال «قىسقا» بولغاندا، ئاندىن ۋاقىتنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. ئەكسىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان دوكلات-خۇلاسە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ۋاقىت ۋە زېھنىنى سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشقا دەخلى يەتكۈزۈپلا قالماي، كادىرلارنى ئاممىدىن ئايرىۋېتىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  گەپنىڭ نېگىزىنى دېيىش، بىر ئىش بولسا بىرىنى دېيىش، ئىككى ئىش بولسا ئىككىنى دېيىش، گەپ بولسا ئۇزۇن قىلىش، گەپ بولمىسا قىسقا قىلىش كېرەك، چۈنكى ماتېرىيال مەسىلە ھەل قىلىشقا خىزمەت قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ