خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كەنت مۇھىتىنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئارقىلىق يېزا مەنزىرىسىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەسىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، ئولتۇراقلىشىشقا ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ، مەنزىرىسى گۈزەل، ئادەملىرى ئىناق بولغان گۈزەل يېزا كارتېنىسى تەبىئىيلا ئاممىنى بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۈرىدۇ. ئەمما قىسمەن جايلار يېزىلارنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىماي، قارىغۇلارچە تەدبىر بەلگىلەپ، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ»، «ھەممە كەنتنى ئوپمۇ-ئوخشاش قىلىپ»، «ئاممىغا ۋاكالىتەن ئۆي باشقۇرۇش» قىلمىشلىرىنى سادىر قىلدى. بۇنداق قىلمىشلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزا مۇھىتىنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تەلىپىگە خىلاپ بولۇپلا قالماي، يەنە دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىشى مۇمكىن.
دېھقانلار يېزىنىڭ خوجايىنى، مەيلى يېزا-كەنتلەرنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش بولسۇن ياكى دېھقانلارغا چېتىلىدىغان سىياسەتلەرنى تۈزۈپ يولغا قويۇش بولسۇن، خەلقنىڭ ساداسىنى تولۇق ئاڭلاپ خەلق رايىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. يېزا-كەنتنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كەڭ دېھقانلار ئاممىسىنى نەپكە ئېرىشتۈرىدىغان ئىش، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاممىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى كەڭ قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن تەدبىر بەلگىلەپ ھەرىكەت قىلغاندىلا، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ياخشى سىياسەتلەر ئارقىلىق پۇقرالارغا ھەقىقى نەپ يەتكۈزگىلى بولىدۇ. بىراق ئەمەلىيەتتە، بەزى پارتىيەلىك كادىرلار ئۆزىنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇۋېلىپ، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، ئۆز قارىشىنى ئاممىنىڭ قارىشىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ بەزىلىرى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماي، ئەمەلىي ئەھۋال ۋە ئاممىنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى چوڭقۇر چۈشەنمەي، ئېنىق چۈشەنمەي، قالايمىقان ئىش قىلىدۇ؛ ھەتتا بەزىلىرى «ئاممىغا ياخشى بولسۇن دەپ» دېگەننى باھانە قىلىپ، ئاتالمىش «سىياسىي نەتىجىسى» ئۈچۈن «ئوبراز قۇرۇلۇشى»، «يۈز-ئابرۇي قۇرۇلۇشى» قىلىدۇ... بۇنداق ئىشلار ئاز ساندىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ نەتىجە قارىشىنىڭ خاتالاشقانلىقى، ئىستىلىنىڭ قاتتىق، ئەمەلىي ئەمەسلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
ئېلىمىز يېزىلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەرخىل پەرقلەر بار، يېزا-كەنتلەرنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشتا ئۆز يېرىگە قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەر بىر كەنتنىڭ تەبىئىي شارائىتى ئوخشىمايدۇ، يېزا-كەنتلەرنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈشتە شۇ جاينىڭ تەبىئىي شارائىتى، كەسىپ ئالاھىدىلىكى، ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، دەرەخ تىكىشكە ماس كەلسە دەرەخ تىكىش، مېۋە ئۆستۈرۈشكە ماس كەلسە مېۋە ئۆستۈرۈش، كۆكتات تېرىشقا ماس كەلسە كۆكتات تېرىش، ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈشكە ماس كەلسە ئوت-چۆپ ئۆستۈرۈش، گۈل ئۆستۈرۈشكە ماس كەلسە گۈل ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوخشىمىغان يېزىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىللىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۆزگىچە گۈزەللىككە ئىگە بولغاندىلا، ئوخشىمىغان يېزىلارنىڭ گۈزەللىكىنى تەڭ گەۋدىلەندۈرۈپ، ئادىمىيەت بىلەن تەبىئەتنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتكە قارىماي، بىر قېلىپقا سېلىپ ھەممىنى ئوخشاش قىلغاندا ياكى «ھەممىنى ئۆرۈپ قايتىدىن ياساپ»، قالايمىقان كېسىپ قالايمىقان قۇرغاندا، يېزىلاردىكى قەدىمىي دەرەخ، ئەنئەنىۋى دەرەخ تۈرلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئەنئەنىۋى كەنتلەرنىڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە قىياپىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماي، ئەنئەنىۋى كەنت قاتارلىقلارغا يۈكلەنگەن تارىخىي خاتىرە ۋە مەدەنىيەت يىلتىزىنى ئۈزۈۋېتىدۇ. مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈشتە يەنە شۇ جاينىڭ مالىيەسىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى تولۇق ئويلىشىپ، قانچىلىك مالىيە كۈچى بولسا شۇنچىلىك ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، «ئېسىل، ھەيۋەتلىك، سۈپەتلىك بولۇش» نى ھەددىدىن زىيادە قوغلاشماسلىق كېرەك، ئەگەر قەرز ئېلىپ قىممەتلىك دەرەخ تىكىش، گۈل-گىياھ تېرىپ مەنزىرە ھاسىل قىلىشقا بېرىلىپ كەتكەندە، خەلققە جاپا سېلىپ، بايلىققا زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچىسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.
ھەربىر تۈپ قەدىمىي دەرەخ بىر مەزگىللىك بالىلىق ئەسلىمىسىدۇر، ھەربىر كونا ئۆي سىرتتا تىرىكچىلىق قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھېسسىيات يۆلەنچۈكىدۇر. يۇرتنىڭ ھەر بىر گىياھلىرى، تاغ-دەريالىرىغا ھەربىرىمىزنىڭ تاتلىق يۇرت ئەسلىمىسى يۇغۇرۇلغان. يېزا-كەنتلەرنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشتا، قۇرۇلۇش بىلەن قوغداش، تەرەققىيات بىلەن ۋارىسلىق قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەم زامانىۋى ئامىللارنى سىڭدۈرۈش، ھەم يېزا قىياپىتىنى ساقلاپ، كونا ئۆي، قەدىمىي دەرەخ قاتارلىق يۇرتلارنى سېغىنىش ۋاسىتىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى قوغداپ، يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت يىلتىزىغا ۋارىسلىق قىلىپ، يۇرتنىڭ قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. دېھقانلارنى ئەتىيازدا گۈلدىن ھۇزۇرلىنىش، كۈزدە مېۋە يېيىش، يازدا دەرەخ تۈۋىدە سايىداش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈپ ، يۇرتىدىن ئايرىلغىلى ئۇزۇن بولغان مۇساپىرلارنى ھېلىھەم يۇرتىنىڭ تاغ-دەريالىرىنى كۆرۈش، يۇرتىنى سېغىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ