مۇھىم خەۋەرلەر

خەلق تورى ئوبزورى: «يەر تېرىشقا پۇل تاپشۇرۇش» ۋەقەسىدە قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك قانداق ساۋاقلار بار؟

2024.05.07 21:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا بەس-مۇنازىرە قوزغىغان «يەر تېرىشقا پۇل تاپشۇرۇش» ۋەقەسى توغرىسىدا 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ كەيلۇ ناھىيەسى يەنە بىر قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاممىنىڭ گۇمانىدىكى «يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تېرىلغۇ يەرلەردىن ھەقلىق ئىشلىتىش ھەققى ئېلىش»، «تېرىقچىلىق مەشغۇلاتى دېھقانچىلىق ۋاقتىغا دەخلى يەتكۈزۈپ قويامدۇ-يوق» دېگەندەك مەسىلىلەرگە بىرمۇ بىر ئىنكاس قايتۇرۇلدى.

  شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تەكشۈرۈش ئۈنۈمى يۇقىرى، ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتىدا بولدى. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تور ئەھلى كۆڭۈل بۆلىدىغان تېرىلغۇ يەرلەردىن ھەق ئېلىش مەسىلىسى ئەمەلىيەتتە كەيلۇ ناھىيەسىدە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تېرىلغۇ يەردىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسىدە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تېرىلغۇ يەرلەرگە قارىتا قوللانغان بىر تەرەپ قىلىش شەكلىنىڭ بىرى ئىكەن، بۇ، 2-قېتىملىق ھۆددىگەرلىكنى ئۇزارتىشتا ھوقۇق بېكىتكەن يەردىن ھەق ئېلىش ئەمەس بەلكى «توختامنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەقلىق ئىشلىتىش ھەققى ئېلىش» ئىكەن. ئۇقتۇرۇشتا يەنە، شۇاڭشېڭ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى بىلەن جاڭ فامىلىلىكنىڭ 2004-يىل 3-ئاينىڭ 20-كۈنى 5600 مو سازلىق، ياۋا ئوت-چۆپلۈك ئازگال يەرلەرنى ئىجارىگە بېرىش توختامى ئىمزالىغانلىقى، بۇ يەرنى سىيىر باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇش ۋە يەم-خەشەك تېرىشقا ئىشلىتىشكە ئېنىق كېلىشكەنلىكى ئېيتىلدى.

  مەسىلىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ، گەپنى ئېنىق دېگەندىلا ئاندىن ئاممىنى قايىل قىلغىلى بولىدۇ.

  كەيلۇ ناھىيەسىنىڭ ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇشىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. بۇ ئىشنى قايتىدىن رەتلەپ چىققاندا، نۇرغۇن جەھەتلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، مەسىلە كۆرۈلگەندە، زىددىيەتنى، بولۇپمۇ توختامغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قانۇن بويىچە تۈزەش، قانۇن بويىچە ھەل قىلىش كېرەك. ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ ئىشقا چېتىشلىق يەرلەرنى ئىجارىگە بېرىش، ئالاقىدار خادىملارنىڭ ئىجارىگە بېرىشى بىر قانۇنىي تېما. ئەينى چاغدا ئىككى تەرەپ توختام ئىمزالىغان بولۇپ، ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ، ئىشلار ئېنىق يېزىلغان، ئىككى تەرەپ توختام روھىغا رىئايە قىلىشى كېرەك ئىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يېڭى ئەھۋال كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ، قانۇن بويىچە بولۇشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە: «ھەق-تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 533-ماددىسىدىكى «ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگەرتىش» ماددىسىغا ئاساسەن، كەنت كوللېكتىپى ھۆددىگە ئالغۇچى بىلەن كېڭىشىپ توختامنى ئۆزگەرتىدىغانلىقى، كېڭىشىپ بولالمىغاندا خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتلىرىنىڭ توختامنى بىكار قىلىش توغرىسىدا ئەرز قىلىدىغانلىقى ئېيتىلدى. سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتلىرى ئارىلىشىشى كېرەك بولغان ئىكەن، شۇ جايدىكى بازار، كەنت كادىرلىرى نېمە ئۈچۈن يەرنى ئىجارىگە ئالغان ئائىلىلەرنىڭ يەر تېرىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىدۇ؟

  ئىككى تەرەپ ئەينى چاغدا 5600 مو سازلىق، ياۋا ئوت-چۆپلۈك ئازگال يەرلەرنى ئىجارىگە بېرىش توختامى ئىمزالىغان بولۇپ، بۇ يەرنى سىيىر باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇش ۋە يەم-خەشەك تېرىشقا ئىشلىتىش توغرىسىدا ئېنىق كېلىشكەن. ئۇقتۇرۇشتا «ئىجارىگە ئالغانلار كۆپ يىلدىن بۇيان ئۆز ئالدىغا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلدى» دېيىلگەن. بۇنداق قىلمىشنى شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋاقتىدا توسقانمۇ-يوق؟ ناھىيە، بازار، كەنت ئۈچ دەرىجىلىكلەرنىڭ يەر باشقۇرۇش جەريانىدا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىشى بارمۇ-يوق؟ ئەگەر توسۇش كېرەك بولسىمۇ توسماي، ئىش يوغىناپ يىغىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكەندە ئاندىن توسۇشنى ئېسىگە ئالغان بولسا، بۇ ئېنىقلا مەسئۇلىيەتسىز قىلمىش.

  بۇ ئىشتا ئەڭ تالاش-تارتىش قوزغىغىنى شۇكى، بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي قانۇن ھەيئىتى بولغان جى يۈنخاۋ ئۆزىنىڭ «قانۇننى ئۇقمايدىغانلىقى»نى ئېيتقان. ئىجارىگە ئالغۇچىلارنىڭ ياردەم سورىشىغا قارىتا، ئاساسىي قاتلام ئەمەلدارى بولغان جى يۈنخاۋ ئادىللىقنى ياقلىمايلا قالماي، ئەكسىچە قانۇننىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرۇپ، «دېھقانلارنىڭ يەر تېرىشىنى توسۇپ، ئاپتوموبىلنى تۇتۇپ قېلىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغان». ئۇنىڭ سۆز-ھەركىتى ئەمەلدارلاردا بولۇشقا تېگىشلىك سىياسىي پەزىلەتتىن چەتنەپلا قالماي يەنە ئاممىۋى ھوقۇقنىڭ ئاممىنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزدى.

  دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئادەم ساقلىمايدۇ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشتا چوقۇم دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، دەخلى قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇقتۇرۇشتا، نۆۋەتتە ناھىيە، بازار، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، مەزكۇر كەنتتىكى ئاممىنىڭ دەۋا شەكلىنى قوللىنىپ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تەشەببۇس قىلىپ، زىددىيەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا، يەرنى ئاغدۇرۇپ رەتلەشكە توسقۇنلۇق قىلىش، دېھقانچىلىققا دەخلى يەتكۈزۈش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا قوشۇلغانلىقى ئېيتىلدى. مەيلى دەۋا شەكلىنى قوللىنىپ ھوقۇق-مەنپەئەتنى تەشەببۇس قىلىش بولسۇن ياكى يەرنى ئاغدۇرۇپ رەتلەشكە توسقۇنلۇق قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش بولسۇن، ھەممىسى بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى. بۇ ئىش ئارقىلىق ئالاقىدار خادىملارنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىللىق ساپاسىنى يېتىلدۈرۈپ، مەسىلىلەرنى پائال، مۇقىم بىر تەرەپ قىلىشىنى، يەنە سالاھىيىتىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، قانۇن-نىزاملاردىن ھېيىقىشىنى، ئىستىلىنى يوقاتماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ