مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېڭى دەۋر پىدائىيلار مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى

2024.04.25 15:14 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېڭى دەۋر پىدائىيلار مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پىدائىيلار مۇلازىمىتى جەمئىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسىنى ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش، كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلىگەنلىكى، سەپەرۋەر قىلغانلىقىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.

  «پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋر پىدائىيلار مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، قىممەت يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي بولۇپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئۆزىنى بېغىشلاش، دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئالغا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت پىدائىيلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماسلاشقان، جۇڭگوچە پىدائىيلار مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولغان، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، ھەممە كىشى بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا مۇجەسسەملەش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2035 - يىلىغا بارغاندا، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي قېلىپلاشقان، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان پىدائىيلار مۇلازىمىتى تۈزۈمى ۋە خىزمەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلۈپ، پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ ساپاسى يۇقىرى بولۇش، باشقۇرۇلۇشى قېلىپلاشقان بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مۇلازىمەت ساھەسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ؛ بازا تورىنىڭ قاپلاش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىقلاشتۇرۇلۇپ، تۈزۈم كاپالىتى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىنىدۇ؛ پىدائىيلار مۇلازىمىتىدە خەلقئارا ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇش چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ؛ پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىش نىسبىتى، جانلىقلىق دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى، ئۆزىنى بېغىشلاش ئېڭى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتىنىڭ مۇھىم بەلگىسىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ.

  «پىكىر»دە يەنە ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىدىغان پىدائىيلار مۇلازىمىتى سەپەرۋەرلىك سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ھاياتىي كۈچكە تولغان پىدائىيلار مۇلازىمىتى قوشۇنى تەشكىلىي سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، قاپلاش دائىرىسى كەڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى بازا سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، خاسلىقى روشەن پىدائىيلار مەدەنىيەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇستەھكەم، كۈچلۈك پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قوللاش كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، پىدائىيلار مۇلازىمىتىدە خەلقئارا ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇش يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ