مۇھىم خەۋەرلەر

مائارىپ، ئوقۇتۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز پائالىيەتلەرنى مەكتەپلەرگە خالىغانچە كىرگۈزۈش ئەھۋالى مەركەزلىك تەرتىپكە سېلىنىدۇ

2024.04.25 15:08 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 24-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائارىپتىن باشقا ئوقۇتۇش يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش ئۈچۈن، مەركەز مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ كاتىبات گۇرۇپپىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جەمئىيەت ئىشلىرىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش بويىچە مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، مائارىپ، ئوقۇتۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز پائالىيەت ۋە خىزمەتلەرنىڭ مەكتەپلەرگە خالىغانچە كىرىش ئەھۋالى، شۇنداقلا جەمئىيەت ئىشلىرىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش جەريانىدا ئىز قالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە سەل قارايدىغان شەكىلۋازلىقنى مەركەزلىك تۈزەپ، مائارىپ، ئوقۇتۇشتا ياخشى مۇھىت يارىتىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا تۆت تۈرلۈك ئاساسلىق ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىش ئەھۋالىنى سىستېمىلىق رەتكە تۇرغۇزۇپ، ئىجازەت ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، مەسىلىلەرنى تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ئىككىنچى، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىشىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، ئاق تىزىملىك ئورنىتىپ جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش كېرەك؛ ئۈچىنچى، جەمئىيەت ئىشلىرىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈشنىڭ كونكرېت لايىھەسىنى تەكشۈرۈپ، پائالىيەت دائىرىسى ۋە ۋاقتىنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك؛ تۆتىنچى، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇپ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا جايلار جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىشىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى مائارىپ سىستېمىسىنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى مۇھىم خىزمەت قىلىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئارقىلىق مەخسۇس تۈزەشنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ