مۇھىم خەۋەرلەر

گۇيجوۋ ئۆلكىسى شەھەر-يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ۋە يېتىم بالىلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش بويىچە ئەڭ تۆۋەن بېقىلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى

2024.04.25 15:08 مەنبە: خەلق تورى

  گۇيجوۋ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى، مالىيە نازارىتى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتى يېقىندا «گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ 2024-يىللىق شەھەر-يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى ۋە يېتىم بالىلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىدىكى ئەڭ تۆۋەن بېقىلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش لايىھەسى»نى بىرلىكتە تۈزۈپ تارقىتىپ، شەھەر-يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ۋە يېتىم بالىلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىدىكى ئەڭ تۆۋەن بېقىلىش ئۆلچىمىنى داۋاملىق ئۆستۈردى.

  لايىھەگە ئاساسەن، گۇيجوۋ ئۆلكىسى شەھەر-يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنى داۋاملىق رايون، دەرىجە بويىچە ئۆستۈرىدۇ. گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ شەھەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوتتۇرىچە ئۆلچىمىنى ئېيىغا 778 يۈەنگە ئۆستۈرۈپ،%6 ئاشۇردى. گۇيجوۋ ئۆلكىسى يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوتتۇرىچە ئۆلچىمىنى يىلىغا 6818 يۈەنگە ئۆستۈرۈپ، % 12 ئاشۇردى.

  يېتىم بالىلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ تۆۋەن بېقىلىش ئۆلچىمى تەدرىجىي ئۆستى. گۇيجوۋدا مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىلىدىغان يېتىم بالىلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ تۆۋەن بېقىلىش ئۆلچىمى ئېيىغا 1800 يۈەن بولۇشتىن ئېيىغا 1900 يۈەن بولۇشقا ئۆستۈرۈلدى، جەمئىيەتتە تارقاق ئولتۇراقلاشقان يېتىم بالىلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ تۆۋەن بېقىلىش ئۆلچىمى ئېيىغا 1300 يۈەن بولۇشتىن ئېيىغا 1400 يۈەن بولۇشقا ئۆستۈرۈلدى. ئەمەلىي باققۇچىسى يوق بالىلارغا گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىدۇ، ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمى شۇ جاينىڭ يېتىم بالىلارنى بېقىش ئۆلچىمى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. يېڭى لايىھە بۇ يىل 4-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ