مۇھىم خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى خەۋەر: جۇڭگولۇقلار ئايغا چىقىدۇ!

2024.04.25 15:06 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ «شېنجوۋ 18-نومۇر ئادەملىك ئالەم كېمىسى» نىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە 4-تۈركۈمدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى تاللاش تاماملىنىدىكەن. 4-تۈركۈمدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئەترەتكە كىرگەندىن كېيىن، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ كېيىنكى ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلىدىكەن ھەمدە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاي شارىغا چىقىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.ۋېنچاڭ ئاي شارىنى تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئادەملىك كېمىسىنى قويۇپ بېرىش مەيدانى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

  2023-يىلى، ئادەملىك ئاي شارىنى تەكشۈرۈش كېمىسىنى قويۇپ بېرىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئايغا چىقىش باسقۇچىدىكى ۋەزىپىسى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن باشلىنىپ يولغا قويۇلدى، ئومۇمىي نىشانى 2030-يىلىدىن بۇرۇن جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاي شارىغا چىقىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولۇپ، نۆۋەتتە ھەرقايسى سىستېمىلاردا پىلان بويىچە تەتقىق قىلىپ ياساش قۇرۇلۇشى قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ. چاڭجېڭ 10-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا، مېڭجوۋ ئادەملىك ئالەم كېمىسى، ئاي شارىغا قونۇش ئۈسكۈنىسى، ئايغا چىقىش كىيىمى قاتارلىق ئاساسلىق ئۇچۇش مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسىدە لايىھەنى تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتى تاماملاندى، دەسلەپكى نۇسخا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۈرلۈك سىناقلار ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلماقتا. ئالەم كېمىسى، قونۇش ئۈسكۈنىسىنى كۈچ بىلەن ئىسسىتىش سىناق مەھسۇلاتىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، راكېتانىڭ ھەر خىل تىپتىكى موتورلىرى يەر يۈزىدە سىناق قىلىنىۋاتىدۇ، ۋېنچاڭ ئادەملىك ئاي شارىنى تەكشۈرۈش-ئۆلچەش، قويۇپ بېرىش مەيدانى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ يولغا قويۇلۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتىن ئادەملىك ئاي شارى ئاپتوموبىلى، ئاي يۈزىدىكى يۈك كۆتۈرۈش لايىھەسى ئاشكارا توپلاندى، رىقابەت ئارقىلىق ئەلالىرى تاللىنىۋاتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ