مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆزىنى ياش ھېس قىلىدىغان ئادەمنىڭ قېرىشى ھەقىقەتەن ئاستا بولۇشى مۇمكىن

2024.04.25 15:06 مەنبە: خەلق تورى

  گەرچە قېرىش ساقلانغىلى بولمايدىغان تەبىئىي ھادىسە بولسىمۇ، لېكىن ھۈجەيرە قاتلىمىدىمۇ ئۇنى ياراتقىلى بولىدۇ. ھامىلىدار بولۇش ۋە بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش مەزگىلىدە، قېرىش تېزلىشىدۇ، لېكىن يەنە كەينىگە ياندۇرغىلى بولىدۇ. ھالبۇكى، بەدەننىڭ ھېس قىلىش شەكلى ياكى ئىقتىدارى كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە قانداق قارىشى بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. ئامېرىكا ئوكلاخوما داشۆسىنىڭ ساغلاملىق ئالىملىرى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قېرىشىغا بولغان قارىشىمۇ قانداق قېرىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقىغان.

  تەتقىقاتچىلار «ئامېرىكا مەملىكەتلىك ساغلام قېرىلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى»تىكى 50 ياشتىن 80 ياشقىچە بولغان 2006 نەپەر قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلغان. قاتناشقۇچىلاردىن ئۆزىنىڭ تەڭ ياشتىكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا زادى قېرى كۆرۈنەمدۇ ياكى ياش كۆرۈنەمدۇ، شۇنداقلا يېشىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق كەمسىتىش ياكى ئاكتىپ ماختاشلارنى باشتىن كەچۈرگەن-كەچۈرمىگەنلىكى توغرىسىدا سوئال سورىدى.

  ئانالىز نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە،% 59 زىيارەت قىلىنغۇچى ئۆزىنى قارىماققا ئوخشاش ياشتىكىلەردىن ياش دەپ قارىغان، پەقەت% 6 زىيارەت قىلىنغۇچى ئۆزىنىڭ قارىماققا ئوخشاش ياشتىكىلەردىن قېرى كۆرۈنىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. شۇڭا، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆزىنى قارىماققا ئەمەلىيەتتىن روھلۇق كۆرۈنىمەن دەپ قاراشقا مايىل. ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، گەرچە تېخىمۇ كۆپ ئاياللار ئۆزىنى قارىماققا ئوخشاش ياشتىكىلەرگە قارىغاندا ياش دەپ قارىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھەمىشە تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە پۇل سەرپ قىلىپ، ئۆزىنى تېخىمۇ ياش كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ، پەقەت ئۇلار ھۆددىسىدىن چىقالىسىلا. ھالبۇكى، ئۈچتىن بىر قىسىم زىيارەت قىلىنغۇچى قىممەتلىك ۋاقتى ۋە جاپالىق تاپقان پۇلىنى سەرپ قىلىپ ئۆزىنى ياش كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھەمىشە قېرىشقا بولغان سەلبىي باھا ياكى ئۆزگەرمەس تەسىرنى چەتكە قاقمايدۇ. بۇ كىشىلەر ھەم ياش جەھەتتىكى كەمسىتىشنى باشتىن كەچۈرگەن، ھەم ئۇلارنىڭ يېشىغا قارىتا ئاكتىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشكەن. يېشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىجابىي باھالارغا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشكەن كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق ئەھۋالى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ياش جەھەتتىكى كەمسىتىش ياكى سەلبىي باھالارغا بەرداشلىق بەرگەن كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق ئەھۋالى بىر قەدەر ناچار بولىدۇ.

  «پىسخىكا ۋە قېرىش» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ تەتقىقات نەتىجىسى كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ قېرىشقا بولغان پوزىتسىيەسىگە قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىشكە ئىلھاملاندۇرغان. ياشنىڭ چوڭىيىشى ئۈچۈن باش قاتۇرغاندىن كۆرە، قانداق ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ساغلاملىقنى ياخشىلىغىلى بولىدىغانلىقىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلگەن ياخشى، مەسىلەن، كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ساغلام غىزالىنىش، تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك قاتارلىقلار. ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈش قېرىشنى كېچىكتۈرۈشكە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ