مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى: ئۆز مەيلىچە خەلقئارا پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى تەشكىللەش، ئۇنىڭغا قاتنىشىش ئىشلىرى جازالىنىدۇ

2024.04.25 15:05 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ھۆججەت ئېلان قىلىپ، خەلقئارا مۇسابىقىلەرنى ئەنگە ئېلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قائىدىسىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ بېلەت سېتىشتىن بۇرۇن ئاممىۋى پۇتبول چولپانلىرىنىڭ مەيدانغا چىقىش ماددىلىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەكلىكىنى، خەلقئارا پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆز مەيلىچە تەشكىللىسە، قاتناشسا جازالىنىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرغان.

  «جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ خەلقئارا مۇسابىقىلەرنى ئەنگە ئالدۇرۇش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قائىدىسى» ناملىق بۇ ھۆججەتتە، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىگە ئەنگە ئالدۇرماي، ئۆز مەيلىچە خەلقئارا پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى تەشكىللەش، ئۇنىڭغا قاتنىشىش ئىشى تەكشۈرۈپ دەلىللەنسە جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئىنتىزام كومىتېتى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئورۇندىكى جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا جەمئىيەتلەر، ئالاقىدار تەشكىلاتلار ۋە كۇلۇب، كوماندا قاتارلىقلارغا خەلقئارا پۇتبول مۇسابىقىسى ئىشلىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇشتا ئاز دېگەندە ئىككى يىل چەكلەش جازاسى بېرىدۇ.

  ئەگەر ئەھۋال ئېغىر بولسا ياكى جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ جازاسىغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئىنتىزام كومىتېتى ۋەقەگە چېتىشلىق ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جازالاش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ.

  ھۆججەتتە يەنە مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەندى: مۇسابىقە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ تەستىقىي جاۋابىغا ئېرىشىشتىن بۇرۇن، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى پائالىيىتىنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ مۇسابىقىنىڭ «ئېنىقلىقى»ۋە «رېئاللىقى»نى تەشۋىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، مۇسابىقە تەستىقىغا ئېرىشكەن ئالدىنقى شەرت ئاستىدىكى ھەرقانداق تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، ھەرقانداق شەكىلدىكى بېلەت سېتىش ھەم بېلەتنى ئالدىن سېتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا بولمايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ