مۇھىم خەۋەرلەر

مەملىكەت بويىچە گېئولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتە «ئامما ئۆلچەش، ئامما مۇداپىيەلىنىش»نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ئاممىغا تالاپەت يېتىش»نىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكىتلەندى

2024.04.23 22:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جايلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك كەلكۈن مەزگىلىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، 2024-يىللىق مەملىكەت بويىچە گېئولوگىيەلىك ئاپەت ۋە دېڭىز-ئوكيان ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە «ئامما ئۆلچەش، ئامما مۇداپىيەلىنىش»نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ئاممىغا تالاپەت يېتىش»نىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكىتلەندى.

  4-ئاينىڭ 21-كۈنى، 2024-يىللىق مەملىكەتلىك كەلكۈن مەزگىلىدىكى گېئولوگىيەلىك ئاپەت ۋە دېڭىز-ئوكيان ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى سىنلىق يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كەلكۈن مەزگىلىدىكى تەبىئىي بايلىق (ئوكيان) باشقۇرغۇچى تارماقلىرى گېئولوگىيىلىك ئاپەت ۋە دېڭىز-ئوكيان ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، نۇقتىلىق ئورۇنلارنى چىڭ تۇتۇپ، «ئاممىغا تالاپەت يېتىش» ۋەقەسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلار مەكتەپ، دوختۇرخانا، ياشانغانلار ساناتورىيەسى، دېھقانلار ئارامگاھى قاتارلىق نوپۇس زىچ رايونلار ھەمدە ساياھەت مەنزىرە رايونى، قاتناش غول لىنىيەسى، زاۋۇت-كان كارخانىلىرى، قۇرۇلۇش پائالىيەت رايونىنى چۆرىدەپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «ئاممىغا تالاپەت يېتىش» يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەپسىلىي تەكشۈرىدۇ.

  تەبىئىي بايلىق مىنىستىرى ۋاڭ گۇاڭخۇا مۇنداق دىدى: «ئامما ئۆلچەش، ئامما مۇداپىيەلىنىش»نىڭ ئاساس خاراكتېرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «يوشۇرۇن خەۋپ نۇقتىسى + خەتەر رايونى»نى قوش كونترول قىلىش خىزمىتىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، «خەلق مۇداپىيەسى + تېخنىكا مۇداپىيەسى» ئاگاھلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك گېئولوگىيەلىك ئاپەت مېتېئورولوگىيە خېيىم-خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش لازىم؛ يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خادىملارنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش-يۆتكەش لايىھەسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇتەخەسىسلەر ساقلاش ۋە تەربىيلەش مانىۋېرىدا چىڭ تۇرۇپ، گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئەترەتلىرىنىڭ ناھىيەدە تۇرۇش، يېزىلارنى ھۆددىگە ئېلىش تۈزۈمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دېڭىز-ئوكيان ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتە يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تەكشۈرۈپ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى كۈزىتىش پونكىتى، خەۋەرلىشىش سىستېمىسى قاتارلىق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈش لازىم؛ دىجورنىلىقنى كۈچەيتىپ، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش باش بىرلەشمىسىنىڭ كېڭىشىشى، دۆلەتنىڭ دېڭىز ئۈستىدىكى زور تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى جىددى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش لازىم؛ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى، كۆپ تەيفېڭ بورىنى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مانىۋېرىنى كۈچەيتىپ، ئاپەت يېقىنلاشقاندا ئالدىن مەلۇمات بېرىشنىڭ پۈتۈن قاپلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ