مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇچۇر ياردەمچى قىسمى قۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

2024.04.23 22:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 19-كۈنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۇچۇر ياردەمچى قىسمى قۇرۇش يىغىنى بېيجىڭ 1-ئاۋغۇست بىناسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن ئۇچۇر ياردەمچى قىسىمى قۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  ئۇچۇر ياردەمچى قىسىمى پۈتۈنلەي يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىستراتېگىيەلىك ئارمىيە تۈرى

  بىر مۇخبىر سوئال سوراپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇچۇر ياردەمچى قىسىمى قۇرۇش جاكارلاندى، بۇ قىسىم قانداق كۈچ؟ دېدى.

  ۋۇ چيەن مۇنداق دېدى: ئۇچۇر ياردەمچى قىسىمنى تەڭشەپ تەشكىللەپ قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرى ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ چىقارغان زور تەدبىرى، يېڭىچە ئارمىيە تۈر قۇرۇلمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋى ھەربىي كۈچ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، يېڭى دەۋر خەلق ئارمىيەسىنىڭ بۇرچىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشتا زور ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇچۇر ياردەمچى قىسمى يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىستراتېگىيەلىك ئارمىيە تۈرى بولۇپ، تور ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ قوللىنىشتىكى ئاچقۇچلۇق تىرەك، بۇ قىسىمنىڭ ئارمىيەمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە زامانىۋى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشتىكى ئورنى مۇھىم، مەسئۇلىيىتى ئېغىر.

  جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى يېڭىچە ئارمىيە تۈرى قۇرۇلمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى شەكىللەندۈردى

  مۇخبىر سوئال سوراپ، بايا يېڭىچە ئارمىيە تۈر قۇرۇلمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش تىلغا ئېلىندى، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز، دېدى.

  ۋۇ چيەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتىن كېيىن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىكى ۋە قوماندانلىقىدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە، دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى، راكېتا ئارمىيەسى قاتارلىق ئارمىيە تۈرلىرى، ھەربىي ئالەم قاتنىشى قىسمى، تور بوشلۇقى قىسمى، ئۇچۇر ياردەمچى قىسىمى، بىرلەشمە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش قىسمى قاتارلىق ئارمىيە تۈرلىرىنىڭ يېڭىچە تۈر قۇرۇلمىسى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇمىي جەھەتتىن شەكىللەندۈردى. ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بىز جۇڭگوچە ھەربىي كۈچ سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرىمىز.

  جۇڭگو ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرىدۇ

  بىر مۇخبىر سوئال سوراپ، ھەربىي ئالەم قاتنىشى قىسمى قانداق ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟ بۇ جۇڭگونىڭ ئالەم سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى چۈشەندۈرەمدۇ؟ دېدى.

  ۋۇ چيەن مۇنداق دېدى: ئالەم بوشلۇقى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق بايلىقى. ئالەم بوشلۇقى بىخەتەرلىكى دۆلەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كاپالىتى. ھەربىي ئالەم قاتنىشى قىسمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئالەم بوشلۇقىغا بىخەتەر كىرىپ-چىقىش ۋە ئالەم بوشلۇقىنى ئېچىۋېتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئالەم كىرزىسىنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەش ۋە ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش، ئالەم بوشلۇقىدىن تېخىمۇ ياخشى تىنچ پايدىلىنىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگونىڭ ئالەم بوشلۇقى سىياسىتى ئېنىق، بىز ئەزەلدىن ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ پايدىلىنىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالەم بوشلۇقىنىڭ ئۇزاققىچە تىنچلىقى ۋە ئورتاق بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايمىز.

  تىنچ، بىخەتەر، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمكارلىشىدىغان تور بوشلۇقى بەرپا قىلىش كېرەك

  بىر مۇخبىر سوئال سوراپ،تور بوشلۇقى قىسمى قانداق ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟ بۇ تور بوشلۇقىنى ھەربىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۈشەندۈرۈپ بېرەمدۇ؟ دېدى.

  ۋۇ چيەن مۇنداق دېدى: تور بىخەتەرلىكى دۇنياۋى خىرىس، شۇنداقلا جۇڭگو دۇچ كېلىۋاتقان كەسكىن بىخەتەرلىك تەھدىتى. تور بوشلۇقى قىسمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تور بىخەتەرلىكى مۇداپىئە ۋاسىتىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش دۆلەتنىڭ تور چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، تورغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش، دۆلەتنىڭ تور ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز تىنچ، بىخەتەر، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمكارلىشىدىغان تور بوشلۇقى قۇرۇشنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە تور تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ