مۇھىم خەۋەرلەر

1-پەسىلدە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا 193 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى (يېڭى سانلىق مەلۇمات، يېڭى نۇقتا)

تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى

2024.04.23 14:31 مەنبە: خەلق تورى

  سۇچىلىق مىنىستىرلىقى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە: 1-پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە يولغا قويۇلغان سۇچىلىق تۈرى 23 مىڭ 500 گە ، قۇرۇلۇۋاتقان كۆلەم 4 تىرىليون 700 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا % 15.8، % 12.3 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن ئىش باشلانغان سۇچىلىق تۈرى 9683، سېلىنما كۆلىمى 473 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا % 33.8، % 47.6 ئاشقان. ئومۇمىي سېلىنمىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان سۇچىلىق تۈرىدىن 687 سىدە يېڭىدىن ئىش باشلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 94.6 ئاشقان. سۇچىلىق مىنىستىرلىقى تۈر تۇرغۇزۇش، قۇرۇلۇش سۈرئىتى، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ كۆزلەپ، سۇچىلىق تۈرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى.

  سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشنى تاماملاشتا تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى. 1-پەسىلدە، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا 193 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 4.4 ئاشتى؛ سۇچىلىق سېلىنمىسى 778 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 93.3 ئاشتى. نۆۋەتتە، زايومنى كۆپەيتىپ تارقىتىدىغان سۇچىلىق تۈرىدىن 4753 ى يولغا قويۇلۇپ، 76 مىليارد 750 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلگىرىلەش ئوڭۇشلۇق بولدى.

  زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى. بۇ يىل چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۇڭلىڭ دەرياسى بۆلىكىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشى، جياڭشى لېپىڭ سۇچىلىق تۈگۈنى، بېيجىڭ يۇڭدىڭ دەرياسى لۇسەن بۆلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق 13 تۈرلۈك مۇھىم، زور قۇرۇلۇشتا ئىش باشلاندى. جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش ئوتتۇرا لىنىيەسىدە دەريا سۈيىنى باشلاپ خەنجاڭنى تولۇقلاش، خۇەيخې دەرياسىنى دېڭىزغا باشلاش سۇ يولىنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق دۆلەتنىڭ بىر تۈركۈم سۇ تورى مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلىرى تېز يولغا قويۇلدى.

  سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش رولى گەۋدىلىك بولدى. سۇچىلىق تۈرلىرىدە ئىش باشلاش سانى كۆپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، كەڭ كۆلەملىك سۇچىلىق قۇرۇلۇشى زور مىقداردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن بىۋاسىتە تەمىنلىدى. 1-پەسىلدە، سۇچىلىق تۈر قۇرۇلۇشى 730 مىڭ كىشىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 3.8 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئەمگەك كۈچى 577 مىڭ كىشى بولۇپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن % 13.2 ئاشقان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ