مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلىتىمىزنىڭ كەشپىيات پاتېنتىنىڭ كەسىپلىشىش نىسبىتى % 39.6 كە يەتتى (يېڭى سانلىق مەلۇمات، يېڭى نۇقتا)

2024.04.23 14:30 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «2023-يىللىق جۇڭگو پاتېنتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ كەشپىيات پاتېنتىنى كەسىپلەشتۈرۈش نىسبىتى % 39.6 كە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 2.9 پىرسەنت پوئېنتى ئۆسۈپ، ئۇدا بەش يىل مۇقىم ئۆسكەن.

  يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلىتىمىز كارخانىلارنىڭ كەشپىيات پاتېنتىنى كەسىپلەشتۈرۈش نىسبىتى % 51.3 كە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 3.2 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، كىچىك تىپتىكى كارخانىلار ۋە مىكرو تىپتىكى كارخانىلارنىڭ كەشپىيات پاتېنتىنىڭ كەسىپلىشىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا % 53.9 ۋە % 33.8 كە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 8.6 ۋە 11.8 پىرسەنت پوئېنتى ئاشتى.

  كەشپىيات پاتېنتىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىن قىلىنغان كىرىم پۇختا قەدەمدە ئاشتى. 2023 ـ يىلى، كارخانا كەسىپلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان كەشپىيات پاتېنتىنىڭ ھەربىرىنىڭ ئوتتۇرىچە پايدىسى 8 مىليون 296 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن% 3.8 ئاشتى؛ خاس ماركىلىق مەھسۇلاتلارغا ئىشلىتىلگەن كەشپىيات پاتېنتىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىن قىلىنغان ئوتتۇرىچە پايدا ھەر بىر پارچىسىنىڭ 10 مىليون 671 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، پاتېنت ۋە كۇرسلۇق مەھسۇلاتتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ گەۋدىلىك بولغانلىقىنى نامايان قىلدى.

  ئىشلەپچىقىرىش-ئوقۇتۇش-تەتقىقات ھەمكارلىقى پاتېنتنى ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى. 2023 ـ يىلى، دۆلىتىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ ئوقۇتۇش ـ تەتقىقات كەشپىيات پاتېنتىنىڭ كەسىپلەشتۈرۈلۈشىدىن قىلىنغان ئوتتۇرىچە پايدا 10 مىليون 332 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، كارخانىلارنىڭ كەشپىيات پاتېنتىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىن قىلغان ئوتتۇرىچە پايدىسىدىن % 24.5 يۇقىرى بولدى. كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ ئوقۇتۇش ـ تەتقىقات ھەمكارلىقى ئارقىلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ياكى يادرولۇق زاپچاسلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ،% 56.1 كە يەتتى، بۇ، ئىشلەپچىقىرىش ـ ئوقۇتۇش-تەتقىقات ھەمكارلىقىنىڭ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى، ئىشلەپچىقىرىش ـ ئىشلەپچىقىرىش-ئوقۇتۇش ـ تەتقىقات ھەمكارلىقىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ