مۇھىم خەۋەرلەر

بىلومبېرىگ ئاگېنتلىقى: جۇڭگو كەلگۈسى بەش يىلدا دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ئەڭ زور تۆھپە قوشقۇچى بولىدۇ

2024.04.23 13:45 مەنبە: خەلق تورى

  بىلومبېرىگ ئاگېنتلىقى يېقىندا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF)نىڭ ئەڭ يېڭى ئىقتىسادىي مۆلچەر سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ھېسابلاشتا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلىدىن 2029-يىلىغىچە، پۈتۈن يەر شارىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىقتىسادىي پائالىيەتلەردە، جۇڭگونىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى % 21 ئەتراپىغا يېتىدىكەن، يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %20كە يېتىدىكەن، ھالبۇكى ئامېرىكىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %12 كە يېقىنلىشىدىكەن.

  ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، كەلگۈسى بەش يىلدا دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ % 75 ى 20 دۆلەتكە مەركەزلىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو، ھىندىستان، ئامېرىكا ۋە ھىندونېزىيەدىن ئىبارەت تۆت دۆلەت دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا يېرىمدىن كۆپرەك تۆھپە قوشىدۇ.

  IMF مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنى ئەڭ يېڭى بىر سان «دۇنيا ئىقتىسادىغا نەزەر دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى، 2024-يىللىق دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى %3.2 كە ئۆستۈردى. IMF مۇنداق كۆرسەتتى: تارىخىي ئۆلچەم بويىچە ئۆلچىگەندە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى يەنىلا ئاجىز، بۇ ھەم يەنىلا يۇقىرى بولغان قەرز ئېلىش تەننەرخى، مالىيە مەدىتىنىڭ ئازىيىشى قاتارلىق يېقىنقى مەزگىلدىكى ئامىللاردىن كېلىپ چىققان ھەم يۇقۇم ۋە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ كەسكىنلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇزاق مەزگىللىك تەسىر، شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنىڭ ئېشىشىنىڭ سۇسلىشىشى ۋە جۇغراپىيەلىك ئىقتىسادنىڭ بۆلۈنۈشىنىڭ كەسكىنلىشىشىدىن كېلىپ چىققان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ