مۇھىم خەۋەرلەر

دادا، مەن بىرسىنىڭ قۇتقۇزۇڭلار دەپ ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلىغاندەك قىلىمەن

2024.04.22 16:11 مەنبە: خەلق تورى

  «دادا، مەن بىرسىنىڭ قۇتقۇزۇڭلار دەپ ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلىغاندەك قىلىمەن» يېقىندا جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرىدىكى تولۇقسىز 2-يىللىقتىكى قىز ئوقۇغۇچى ۋۇ شيا مەكتەپتىن قايتىش يولىدا ئەۋرەز يولىدا قاپسىلىپ قالغان 80 ياشلىق بوۋاينى قۇتقۇزۇۋالدى، بۇ زادى قانداق ئىش؟

  بۇ يىل 4-ئاينىڭ باشلىرىدىكى بىر كۈنى ۋۇ شيا دادىسىنىڭ توكسىكلىتىغا ئولتۇرۇپ مەكتەپتىن قايتىۋېتىپ نەنچاڭ شەھىرى شىنشى كۆۋرۈكىدىكى بىر قۇرۇلۇش ئورنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، بىرسىنىڭ قۇتقۇزۇشنى مۇراجىئەت قىلىۋاتقان ئاۋازىنى غۇۋا ئاڭلاپ، دادىسىنىڭ پېشىنى تارتىپ «دادا، مەن بىرسىنىڭ قۇتقۇزۇڭلار دەپ ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلىغاندەك قىلىمەن!» دېدى.

  ئاتا-بالا ئىككىسى دەرھال توكسىكىلىتنى توختىتىپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇلار ئەتراپتا بىرمۇ ئادەم يوقلىقىنى بايقىدى، لېكىن «قۇتقۇزۇڭلار» دېگەن ئاۋاز ئېنىق ئاڭلاندى، ۋۇ شيا قۇتقۇزۇش ئاۋازىنىڭ قۇدۇق قاپقىقى ئاستىدىن كېلىۋاتقان بوۋاينىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىنى بايقىدى، ئاتا-بالا ئىككىسى ئەسلىدە قۇدۇق قاپقىقىنى كۆتۈرمەكچى ئىدى، لېكىن ئۈستىدە يېرىم پارچە تاختاي ۋە بىر پارچە قورام تاش بار ئىدى، ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن كۆتۈرۈپمۇ كۆتۈرەلمىدى، ئامالسىز ساقچىغا مەلۇم قىلىپ قۇتقۇزۇشنى تاللىدى.

  ۋۇ شيا قۇتقۇزۇشنى كۈتۈش جەريانىدا بوۋاينىڭ ئەنسىز كەيپىياتىغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سورىدى، ئەسلىدە بوۋاي 85 ياشقا كىرگەن بولۇپ، يامغۇر ياغقان كۈنى يول تېيىلغاق بولغاچقا ئېھتىياتسىزلىقتىن تېيىلىپ كېتىپ قۇدۇق ئاستىدىكى يەر ئاستى سۇ يولىغا چۈشۈپ كەتكەن، پاسكىنا سۇ ۋە لاي-لاتقىلار يوتىسىدىن ئاشقانىدى.

  يەر ئاستى قۇدۇقىغا چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن بوۋاي بىر پەس «قۇتقۇزۇڭلار» دەپ ۋارقىرىدى، ئورنى بىرقەدەر چەت بولغاچقا باشقىلار ئۇنى بايقىمىغان. ئۇ ئامالسىز تۇرۇبا يولىنى بويلاپ يەنە ئالدىغا ئون نەچچە مىنۇت مېڭىپ يەنە بىر قۇدۇق ئېغىزىغا كەلگەندە يەنە قاپسىلىپ قالغان، بىر سائەتتىن كېيىن ۋۇ شيا بايقاپ قالغان ئىدى.ئۇزۇن ئۆتمەي قۇتقۇزۇش خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ بوۋاينى قۇتقۇزۇپ چىققاندىن كېيىن، ئاتا-بالا ئىككىسى ئاندىن خاتىرجەم بولۇپ قايتتى.

  4-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇتقۇزۇۋېلىنغان بوۋاي ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا نەنچاڭ شەھەرلىك 28-ئوتتۇرا مەكتەپ چىڭيۈن مەكتىپىگە بېرىپ، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئەتىگەنلىك يىغىن نەق مەيدانىدا ۋۇ شياغا رەھمەت ئېيتتى.بوۋاي مۇنداق دېدى: مەن ئەڭ ئۈمىدسىزلەنگەن چاغدا ساۋاقداش ۋۇ شيا ماڭا ئۈمىد ۋە ياردەم بەردى، ئۇنىڭغا كۆپ رەھمەت!ۋۇ شيا مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۆزۈمنىڭ ئىقتىدارى دائىرىسىدە بۇ ئىشنى ياخشى قىلىشقا ئىقتىدارىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بولسا، مېنىڭچە چوقۇم قىلىشىم كېرەك!

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ