مۇھىم خەۋەرلەر

ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك

2024.04.22 16:06 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا مەركەز قاتلىمىدىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەش مەخسۇس خىزمىتى مېخانىزمى ئىشخانىسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى بىلەن بىرلىكتە « تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئاشۇرۇش ۋەزىپىسىنى قاتلاممۇقاتلام يۈكلەش ۋە سېلىق سېلىش»، «قىسمەن دېھقانلار كىتابخانىسىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى كەمچىل بولۇش»، «ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتىدە ئالقىشلاش كۆرسەتكۈچى تەسىس قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىش»... تەك شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى ئۈچ تىپىك مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە ھەقىقىي تېگىش قىلىشتەك روشەن يۆنىلىشنى نامايان قىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ «توغرا نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. يېقىنقى بىر مەزگىلدە، جايلار، تارماقلار دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى بىلەن تۈگىمەس ھۆججەت ۋە ئۈزۈلمەس يىغىننى قەتئىي تۈزەپ، ئېنىق بولغان ھوقۇق-مەسئۇلىيەت سىستېمىسى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، غەم-ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشقا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق جاھىللىق ۋە تەكرارلىنىش خاراكتېرىگە ئىگە، بولۇپمۇ بەزى يېڭى مەسىلىلەر، يېڭى يۈزلىنىشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. دائىم ۋە ئۇزاققىچە، قاتتىق ۋە ئەمەلىي، چوڭقۇر ۋە ئىنچىكە بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، يۈكنى يېنىكلىتىش نەتىجىلىرىدىن كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك.

  ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە يار-يۆلەك بولۇش كېرەك. بىز تىپىك دېلولارنى ئۆرنەك قىلىپ، ئىدىيەۋى مەنبەنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، توغرا نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بارلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىي ئىشلىشىمىز كېرەك. مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرغاندىلا تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ