مۇھىم خەۋەرلەر

«يۈرەك بېرىش»نىمۇ يىغىن ئېچىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ سېلىق سېلىش كېرەكمۇ؟

شەكىلۋازلىقنى كونكرېتلاشتۇرۇپ، نورماللاشتۇرۇپ تۈزەش زۆرۈر بولماقتا

2024.04.21 23:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركەز قاتلىمىدىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزىمى ئىشخانىسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى بىلەن بىرلىكتە شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى ئۈچ تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى چىچىخار شەھىرىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتىدە يۈرەك بېرىش كۆرسەتكۈچى تەسىس قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىش مەسىلىسى ئاساسىي قاتلامدا كەڭ ئورتاق تەسىر قوزغىدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2023-يىلى چىچىخار شەھىرى «جۇڭگو شەھەرلىرىگە ئالقىش ياڭرىتىش» ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتىگە قاتنىشىش مەزگىلىدە، شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر، رايون)، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ سۈرئىتىنى قەرەللىك تەڭشەپ، يۈرەك بېرىش رەت تەرتىپىنى ئۇقتۇرۇش قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ھەمدە جايلارنىڭ قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %10ىدىن تۆۋەن بولماسلىق تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر، رايون) لەر مەخسۇس تېمىدا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، «بېسىم»نى قاتلاممۇ قاتلام تۆۋەنگە چۈشۈرگەن، بەزى ناھىيە، رايونلار «ئاساسلىق رەھبەرلەرگە سانلىق مەلۇماتلارنى ئىستاتىستىكا قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش» نى تەلەپ قىلغان، بەزى ناھىيە، رايونلار ھەر بىر مەھەللە ھەر كۈنى 500 يۈرەك بېرىش ۋەزىپىسىنى تاماملاشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بەزى مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىلار ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار، ئاتا-ئانىلار ۋە دوختۇرلار، سېسترالارنىڭ ھەممىسىنىڭ قاتنىشىشىنى، سىنىپ مۇدىرى پۈتۈن سىنىپنىڭ «يۈرەك بېرىش» گۇۋاھنامىسىنىڭ سۈرىتىنى توپلاپ يۇقىرىغا يوللىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇنداق يۈرەك بېرىش ۋەزىپىسى سېلىقى ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ بىزارلىقىنى قوزغىغان.

  ئۇزۇندىن بۇيان، كۆرسەتكۈچنى قالايمىقان سېلىق سېلىش، خىزمەت ۋەزىپىسىنى مەمۇرىي بۇيرۇق شەكلى ئارقىلىق ئاددىي ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق شەكىلۋازلىق «كېسىلى» جايلاردا كۆپ كۆرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ۋاقىت ۋە زېھنىنى زور دەرىجىدە خورىتىپ كەلدى، «يۈرەك بېرىش» ۋەزىپىسىنى مەجبۇرىي سېلىق سېلىش قاتارلىق بۇنداق «يانفوندىكى شەكىلۋازلىق» مەسىلىسى ئاساسىي قاتلامغا زور يۈك ۋە قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، يۈرەك بېرىش كۆرسەتكۈچىنى تاماملاش ئۈچۈن بەزى مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىلار ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار، ئاتا-ئانىلار ۋە دوختۇرلار، سېسترالارنىڭ ھەممىسىنىڭ قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتسىز، نورمىدىن سىرت خىزمەت ۋەزىپىسىنى كۆپەيتتى، بۇ نورمال خىزمەت رېتىمى ۋە خىزمەت تەرتىپىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  يۈرەك بېرىش سانى ئەسلىدە ئامما ئۆزلىكىدىن مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى بولۇشى، شۇنداقلا ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنىڭ ھەقىقىي ئىنكاسى بولۇشى كېرەك ئىدى، ئەمما قاتلاممۇ قاتلام بېسىم ئاشۇرۇش جەريانىدا، ئۆزىنى ئۆزى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان «ئويۇن قويۇش»قا ئايلىنىپ قالدى. يۈرەك بېرىش ۋەزىپىسىنى سېلىق سېلىش قاتارلىق شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنىڭ قايتا-قايتا چەكلەنسىمۇ تۈگىمەسلىكىنىڭ ئارقىسىدا، ئايرىم رەھبىرى كادىرلارنىڭ تۆھپىۋازلىق قىلىشتەك سىياسىي نەتىجە قارىشى سەۋەبچى بولغان. ئۇلار شەكلىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيەتكە سەل قارايدۇ، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ چىرايلىق بولۇشىنى قارىغۇلارچە قوغلىشىپ، توردىكى رەت تەرتىپنى قوغلىشىشنى ئەمەلىي خىزمەتنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى ۋە ئاكتىپلىقىنى زور دەرىجىدە خورىتىپ، پارتىيەمىزنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىگە زىيان يەتكۈزدى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئامما بۇنىڭدىن قاتتىق بىزار بولدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەز شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى تىپىك مەسىلىلەرنى كۆپ قېتىم ئاشكارا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، مەركەزنىڭ شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى تۈزەش ئىرادىسى ۋە سالمىقىنى نامايان قىلدى، بۇ قېتىم يۈرەك بېرىش كۆرسەتكۈچى تەسىس قىلىش قاتارلىق شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى ئېنىق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشنى مەسىلىنى توغرا تۇتۇپ، مۇھىم نۇقتىنى توغرا تۇتقانلىق، دېيىشكە بولىدۇ. شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش شۇئارلا ئەمەس، ئۇنىڭغا ھەر بىر كونكرېت سىياسەت مەسىلىسىدىن قول سېلىش كېرەك. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا تىلغا ئېلىنغان شەكىلۋازلىق مەسىلىسىگە قارىتا، جايلار ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئۆزىدە ئوخشاشلا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا توختىتىپ، ھەقىقىي تۈزىتىشى، بايقالمىغان شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىدىمۇ يۈكسەك ھۇشيار بولۇپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ