مۇھىم خەۋەرلەر

خەلققە جاپا، مۈلۈككە زىيان سالىدىغان ئەھمىيەتسىز ئىشلارنى ھەرگىز قىلماسلىق كېرەك

2024.04.21 23:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز قاتلىمىدىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزىمى ئىشخانىسى يېقىندا مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى بىلەن بىرلىكتە شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى ئۈچ تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، بەزى جايلاردىكى قاتلاممۇ قاتلام بېسىم ئاشۇرۇش، تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا ئاشۇرۇش ۋەزىپىسىنى چېچىش، دېھقانلار كۈتۈپخانىسىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى كەمچىل بولۇش، يۈرەك بېرىش كۆرسەتكۈچى تەسىس قىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشتەك مەسىلىلەرنى تەنقىدلىدى، بۇنىڭ تىپىكلىقى كۈچلۈك، تەربىيە دائىرىسى چوڭ بولدى. بۇ ئۈچ تىپىك دېلونىڭ ئورتاق خاراكتېرى شۇكى، ھەممىسىدە «يۈز-ئابرۇي»غا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ماھىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىلمىگەن، شەكلىگە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىلمىگەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى تەرتىپنى پۇختا مېڭىپ، شەكىلنى ئەستايىدىل ئىشلىگەن بىلەن خەلققە جاپا، مۈلۈككە زىيان سالىدىغان ئەھمىيەتسىز ئىشقا ئايلىنىپ قالدى.

  خەلققە جاپا، مۈلۈككە زىيان سالىدىغان ئەھمىيەتسىز ئىشلارنى قىلماسلىق ئۈچۈن، چوقۇم شەكىلۋازلىق، بيۇرۇكراتلىققا قارشى تۇرۇش كېرەك. بيۇرۇكراتلىق شەكىلۋازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شەكىلۋازلىق بيۇرۇكراتلىق قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان زور بالايىئاپەتكە ئايلاندى. بەزىلەر شەكىلۋازلىقنى «سېسىق دۇفۇ» غا ئوخشاتتى، يەنى پۇرىقى سېسىق، يېسە تەملىك، بۇنداق «سېسىق دۇفۇ»نىڭ «پايدىسى زور»، قىسقا يولدا ماڭغىلى، ساختا نامغا ئېرىشكىلى، تېز نەتىجە ياراتقىلى، تەرنى ئاز ئاققۇزغىلى بولىدۇ. رەھبىرىي كادىرلار قاتارلىق «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار» ئۇقتۇرۇش قىلىنغان تىپىك مەسىلىلەرنى ئۆزىگە سېلىشتۇرۇپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىۋېلىپ، ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىپ، ئىدىيەۋى مەنبەسىنى قېزىپ، «تۆتنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈش»، «تۆتنى قىلماي، ئىككىنى بىۋاستە قىلىش» قاتارلىق خىزمەت ئۇسۇللىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، ئۆزى ئاتلىنىپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ، بايقاپ، ئوخشىمىغان ئاۋازلارنى ئاڭلاشقا جۈرئەت قىلىش، ھەرقانداق ئىشتا ساۋاتلارغا ئاساسەن كۆپرەك ئويلىنىپ ئاندىن تەدبىر بەلگىلىشى كېرەك.

  خەلققە جاپا، مۈلۈككە زىيان سالىدىغان ئەھمىيەتسىز ئىشلارنى قىلماسلىق ئۈچۈن، چوقۇم ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتەك ئاساسىي تەلەپتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش بىزنىڭ مەسىلىلەرنى ئويلاش، تەدبىر بەلگىلەش، ئىش بېجىرىشىمىزنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتىمىز. مەلۇم جايدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئالدىنقى يىللاردا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇن ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ ئاشلىق تېرىش كۆلىمىنى ئازايتىپ، ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى زور مىقداردا كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما شۇ جاينىڭ تۇپرىقى، كىلىماتى قاتارلىقلار ماس كەلمىگەن بولۇپ، كادىرلار ۋە ئامما بىكار ئاۋارە بولغاندىن سىرت يەنە سېلىنمىدىن زىيان تارتىپ، كىرىمىمۇ ئازايغان. «يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىش»نىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، «ھەرىكەت شەكلىدىكى»، «بۇيرۇق شەكلىدىكى» خىزمەت ئۇسۇلىدىن قەتئىي ۋاز كېچىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام خىزمىتى كونكرېت ھەم مۇرەككەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىغاننىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى تېخىمۇ قىيىن بولىدۇ، يۆنىلىشنى ياخشى كونترول قىلىش، ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ياخشى بېكىتىش ئالدىنقى شەرتىدە، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرىدىغان يېتەرلىك بوشلۇق بېرىش كېرەك.

  خەلققە جاپا، مۈلۈككە زىيان سالىدىغان ئەھمىيەتسىز ئىشلارنى قىلماسلىق ئۈچۈن، چوقۇم تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئاساسىي قاتلامغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىپ، يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇشنىڭ «ئاساسىي قاتلامنى بېسىش» ئەمەسلىكىنى، «پەقەت ۋەزىپە چۈشۈرۈپ، شارائىت بەرمەسلىك»كە بولمايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئاساسىي قاتلامنىڭ ئويلىغانلىرىنى ھەقىقىي ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۇقۇرى سۈپەت تەرەققىياتىغا كۆۋرۈك سېلىشى كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇش ۋە مېھرىبانلىقنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچنى پەرقلەندۈرۈش»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتتا خاتالىققا يول قويۇش، خاتالىقنى تۈزىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلارنىڭ ئىش بېجىرىپ ئىگىلىك تىكلەش، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپلىقىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ