مۇھىم خەۋەرلەر

جىڭ خەيپېڭغا «ئالاھىدە دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىش، جۇ ياڭجۇ، گۇي خەيچاۋغا «قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىسى»دېگەن شەرەپلىك نام بېرىش ھەمدە «ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىش توغرىسىدىكى قارار ئېلان قىلىندى

2024.04.19 14:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 18-ئاپرېل جىڭ خەيپېڭغا «ئالاھىدە دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىش، جۇ ياڭجۇ، گۇي خەيچاۋغا «قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىسى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىش ھەمدە «ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىش توغرىسىدىكى قارارنى ئېلان قىلدى، قارارنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

2023-يىلى 30-ماي شېنجۇ 16-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، ئالەم ئۇچقۇچىسى جىڭ خەيپېڭ، جۇ ياڭجۇ، گۈي خەيچاۋلار ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمسىگە ئوڭۇشلۇق كىرىپ، ئوربىتىدا بەش ئاي تۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىر قېتىم بۆلۈمىدىن چىقىپ ھەرىكەت قىلدى، بىر قېتىم ئالەم بوشلۇقىدا دەرس ئۆتتى، بىر قاتار بوشلۇق ئىلمىي تەجرىبىسى ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان يۈكنى ئوربىتىدا ئەمەلىي (سىناق) قىلىپ، بوشلۇق پونكىتىدا «ئۈچ بۆلمە، ئۈچ ئالەم كېمىسى» قۇرۇلمىسى ئاستىدىكى سۇپا باشقۇرۇش ۋە ئاسراشنى تاماملاپ، 2023-يىلى 31-ئۆكتەبىر بىخەتەر قايتىپ كەلدى. شېنجۇ 16-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسى بوشلۇق پونكىتى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇپ، ئادەملىك ئالەم كېمىسى قۇرۇلۇشى ئەمەلىي قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى بولۇپ، تۇنجى قېتىم ئالەم ئۇچقۇچىلىرى، ئالەمگە ئۇچۇش ئىنژېنېرلىرى، يۈك مۇتەخەسسىسلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل تىپتىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ۋەزىپىنى ئورتاق ئىجرا قىلىشى، بۇ جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشتا يېڭى قەدەم تاشلىغانلىقىدىن، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ئېلىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن كۈرەش قىلىشقا، ئىتتىپاقلىشىپ جان تىكىپ ئېلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ ئېچىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شېنجۇ 16-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى، كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر-جەڭچىلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە قان-تەرى مۇجەسسەملەنگەن. يولداش جىڭ خەيپېڭ، جۇ ياڭجۇ، گۈي خەيچاۋلار ئۇلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرى، ئۇلار ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىرادە باغلاپ، بۇرچىغا سادىق بولۇپ، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، دۇنياغا قۇدرەتلىك جۇڭگو روھى، جۇڭگو كۈچىنى نامايان قىلدى. يولداش جىڭ خەيپېڭ تۆت قېتىم ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى، ئۈچ قېتىم قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلغان جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇپ قالدى. يولداش جۇ ياڭجۇ قەتئىي، كەسكىن بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ ئېلان قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئىنچىكە مەشغۇلات قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان، بۆلۈمىدىن چىقىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان ئالەمگە ئۇچۇش ئىنژېنېرى بولۇپ قالدى. يولداش گۇي خەيچاۋ جاپالىق مەشىق قىلىپ، قاتمۇقات سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، شەرەپ بىلەن شېنجۇ 16-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى گۇرۇپپىسىغا تاللىنىپ، ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان تۇنجى يۈك كۆتۈرۈش مۇتەخەسسىسى بولۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىغا قوشقان ئالاھىدە تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يولداش جىڭ خەيپېڭغا «ئالاھىدە دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىش، جۇ ياڭجۇ، گۇي خەيچاۋغا «قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىسى»دېگەن شەرەپلىك نام بېرىش ھەمدە «ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىشنى قارار قىلدى.

يولداش جىڭ خەيپېڭ، جۇ ياڭجۇ، گۈي خەيچاۋلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئالىيجاناب ئىشلارغا ئۆزىنى بېغىشلىغان دەۋر ئاۋانگارتلىرى، ئالەم ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئالەم بوشلۇقى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك نەمۇنىچىلار. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەقدىرلەنگەن ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى ۋە ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، قۇدرەپ تېپىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ