مۇھىم خەۋەرلەر

ياپونىيەنىڭ شىكوكۇ ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە 6.5 بال يەر تەۋرىدى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى دېڭىز تاشقىنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش مەركىزى: دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا ئاپەت خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسەتمەيدۇ

2024.04.19 14:31 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت ئاگاھلاندۇرۇش سۇپىسىىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 2024-يىل 4-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 22 دىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى)، ياپونىيەنىڭ شىكوكۇ ئارىلى ( °33.22N، 132.41°(E دېڭىز تەۋەسىدە6.5 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 51 كىلومېتىرغا يەتكەن. تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇش مەركىزىنىڭ دەسلەپكى يەر تەۋرەش پارامېتىرىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىشىچە، يەر تەۋرەش مەنبەسى ئەتراپىدا قىسمەن جايلاردا دېڭىز تاشقىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن، ئەمما ئېلىمىزنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا ئاپەت خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ