دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ كېسەل رۇخسىتى مەزگىلىدىكى مائاش تەمىناتى پىرىنسىپ جەھەتتە تۆۋەندىكى سىياسەتلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ:
1.خىزمەتچى خادىملارنىڭ كېسەل رۇخسىتى ئىككى ئاي ئىچىدە بولسا، ئەسلىدىكى مائاشى بېرىلىدۇ.
2.خىزمەتچى خادىملارنىڭ كېسەل رۇخسىتى ئىككى ئايدىن ئېشىپ كەتسە، ئۈچىنچى ئايدىن باشلاپ، كېسەل رۇخسىتى مەزگىلىدىكى مائاشى تۆۋەندىكى ئۆلچەم بويىچە بېرىلىدۇ:
(1) خىزمەت ئىستاژى 10 يىلغا توشمىغانلارغا شۇ كىشىنىڭ مائاشىنىڭ %90 ى بېرىلىدۇ؛
(2) خىزمەت ئىستاژى 10 يىلغا توشقانلارغا ئىش ھەققى تولۇق بېرىلىدۇ.
3.خىزمەتچى خادىملارنىڭ كېسەل رۇخسىتى ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتسە، يەتتىنچى ئايدىن باشلاپ تۆۋەندىكى ئۆلچەم بويىچە كېسەل رۇخسىتى مەزگىلىدىكى مائاش بېرىلىدۇ:
(1) خىزمەت ئىستاژى 10 يىلغا توشمىغانلارغا شۇ كىشىنىڭ مائاشىنىڭ %70 ى بېرىلىدۇ؛
(2) خىزمەت ئىستاژى 10 يىلغا توشقان ۋە 10 يىلدىن ئاشقانلارغا شۇ كىشىنىڭ مائاشىنىڭ %80 ى بېرىلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ