مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: ئاھالىلەرنىڭ مائاش كىرىمىنىڭ مۇۋاپىق، مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ مال-مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئاشۇرۇش كېرەك

2024.04.18 14:50 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 17-ئاپرېل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جىن شيەندۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنىنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، تارماقلار، جايلارنىڭ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، ئىستېمالنىڭ يۇقۇمدىن كېيىن ئەسلىگە كېلىشىدىن سىجىل كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. نۇقتىلىق ھالدا ئۈچ جەھەتتىكى خىزمەتنى چىڭ تۇتىدۇ.

  بىرىنچى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاھالىنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. بىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، يۇرتىغا قايتىپ، يېزىغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلەشنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرىمىز ۋە ئىلگىرى سۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالىنىڭ مائاش كىرىمىنىڭ مۇۋاپىق، مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ مال-مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىستېمالنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى داۋاملىق بەرپا قىلىش كېرەك. بازار ئېھتىياجى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىشقا ئىلھام بېرىپ، ئىستېمال يېڭى مەنزىرىسى، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە بەرپا قىلىش كېرەك. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، نەرسە تورى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جاھازلىرى، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ساياھىتى، تەنتەربىيە مۇسابىقە ئىشلىرى، دۆلەت ماللىرىنىڭ «مودا مەھسۇلاتلىرى» قاتارلىق ئىستېمال يېڭى قىزىق نۇقتىلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پائال ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ھوقۇق-مەنپەئەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، خاتىرجەم ئىستېمال مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. ئاساسلىقى ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز قىلىش ۋە ھوقۇقىنى قوغداش مېخانىزمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خاتىرجەم ئىستېمال تۈزۈمىنىڭ يېپىق ھالقىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىستېمالنى نازارەت قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، تور سودىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ