شى جىنپىڭ ما يىڭجيۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2024.04.11 08:53 مەنبە: خەلق تورى

  4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ما يىڭجيۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ما يىڭجيۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ما يىڭجيۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار ئوخشاشلا جۇڭخۇا مىللىتىگە تەۋە. جۇڭخۇا مىللىتى دۇنيادىكى ئۇلۇغ مىللەت، ئۇزاق تارىخقا ئىگە، شانلىق، پارلاق، تەڭداشسىز جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى ياراتقان، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى بۇنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ ۋە شەرەپ ھېس قىلىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق ئۇزاق تارىخىدا، تارىختا ئۆتكەن ئەجدادلارنىڭ تەيۋەنگە كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقانلىقى، ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشاپ كەلگەنلىكى خاتىرىلەنگەن، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىقىغا ئورتاق تاقابىل تۇرغانلىقى، تەيۋەننى قايتۇرۇۋالغانلىقى خاتىرىلەنگەن. جۇڭخۇا مىللىتى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقىنىڭ ئايرىلماس تارىخىنى پۈتۈپ چىققان، بۇ تارىخقا ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قان - قېرىنداشلىق تارىخىي پاكىتلىرى چوڭقۇر ئويۇلغان.

  ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگولۇق، يەشكىلى بولمايدىغان كۆڭۈل تۈگۈنى يوق، كېڭەشكىلى بولمايدىغان ھېچقانداق مەسىلە يوق، ھېچقانداق كۈچ بىزنى ئايرىۋېتەلمەيدۇ. دېڭىز بوغۇزىدىكى ئارىلىق ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قان - قېرىنداشلىق مېھرىگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ ۋە ئۇنى ئۈزۈۋېتەلمەيدۇ. تۈزۈمنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ئىككى قىرغاقنىڭ بىر دۆلەتكە تەۋە، بىر مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئوبيېكتىپ پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. سىرتنىڭ ئارىلىشىشى ئائىلىنىڭ جەم بولۇشى، دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئومۇمىي يۈزلىنىشنى توسۇپ قالالمايدۇ. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار ئۇزاق يىللاردىن بۇيان باشتىن - ئاخىر تومۇرداش بولدى، بىر مەقسەتتە بولدى، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ كەلدى.

  ياشلار دۆلەتنىڭ ئۈمىدى، مىللەتنىڭ كەلگۈسى. ئىككى قىرغاقتىكى ياشلارنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولغاندىلا، ئىككى قىرغاقنىڭ كەلگۈسى ياخشى بولىدۇ. ئىككى قىرغاقتىكى ياشلار جۇڭگولۇق بولۇش ئىرادىسى، جاسارىتى، ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك بەخت - سائادىتىنى ئورتاق يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق تومۇرى، ئورتاق مەدەنىيىتى، ئورتاق تارىخى بار، تېخىمۇ مۇھىمى بىزدە مىللەتكە بولغان ئورتاق مەسئۇلىيەت، كەلگۈسىگە بولغان ئورتاق ئارزۇ بار. بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىدىن ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىگىلىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، قەتئىي تۈردە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ماكانىنى قوغدىشىمىز كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، يەتكۈچە ئازاب - ئوقۇبەت تارتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشى، ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشىدىكى ئاچقۇچ − جۇڭخۇا مىللىتىدە باشتىن - ئاخىر دۆلەت زېمىنى پارچىلىنىپ كەتسە بولمايدۇ، دۆلەت قالايمىقانلىشىپ كەتسە بولمايدۇ، مىللەت چېچىلىپ كەتسە بولمايدۇ، مەدەنىيلىك ئۈزۈلۈپ قالسا بولمايدۇ دەيدىغان ئورتاق ئېتىقاد بولغانلىقىدا. كۈچلۈك، بىرلىككە كەلگەن بىر دۆلەت باشتىن - ئاخىر تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ تەقدىرى بىلەن باغلىنىپ كەلگەن. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق ماكانىنى قەتئىي قوغداپ، تىنچ بىرلىككە كېلىشتىن ئىبارەت گۈزەل كەلگۈسىگە ئورتاق ئىنتىلىشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرىنى جۇڭگولۇقلار ئۆز قولىدا مەھكەم ئىگىلىشى كېرەك.

  ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى يۇرت - ماكانىنىڭ تىنچ - ئامان بولۇشىنى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن جەزمەن ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، بۇنىڭ ئاچقۇچى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان «92 - يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇش، يادروسى ئىككى قىرغاقنىڭ ئوخشاشلا بىر دۆلەتكە، بىر مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىدەك ئاساسىي پاكىتنى ئورتاق تونۇشتىن ئىبارەت. پەقەت دۆلەتنى پارچىلىمىسىلا، پەقەت ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگولۇق، بىر ئائىلە كىشىلىرى دېگەننى قەلبتىن ئېتىراپ قىلسىلا، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار تامامەن بىر يەردە ئولتۇرۇپ، ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئىشى توغرىسىدا ئاۋۋال ئۇچرىشىپ پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى جۇغلىيالايدۇ، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلالايدۇ، ئورتاق تونۇش ئۈستىدە ئىزدىنەلەيدۇ.

  ئىككىنچى، قەتئىي تۈردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك بەخت - سائادىتىنى ئورتاق يارىتىشىمىز كېرەك. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بەخت - سائادىتىنى كۆزلەش بىزنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشىمىزنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك بەخت - سائادىتىنى ئورتاق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ نىشان ناھايىتى ئۇلۇغۋار ھەم ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، دەل ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭگولۇقلارنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر. بىزنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق قېرىنداشنى يېتەكلەپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىمىز بار، شۇنداقلا تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشقا تامامەن ئىقتىدارىمىز بار.

  بىز باشتىن - ئاخىر تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەخت - سائادىتىنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ كەلدۇق، ئاۋۋال تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، پائال تۈردە تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتكە، تېخىمۇ ئەمەلىي بەخت - سائادەتكە، تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسىگە ئېرىشتۈرىمىز.

  ئۈچىنچى، قەتئىي تۈردە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا، گۆھەر ئارال تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەتەن زېمىنىنى ئورتاق گۈللەندۈردى، جۇڭگو تارىخىنى ئورتاق پۈتتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتتى، مىللەت روھىنى ئورتاق يېتىلدۈردى. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار ئەزەلدىن بىر ئائىلە كىشىلىرى، دائىم بېرىش - كېلىش قىلىپ تۇرۇشى كېرەك، بېرىش - كېلىش قىلغانسېرى يېقىن ئۆتكىلى، بېرىش - كېلىش قىلغانسېرى مېھىر - مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ. بىز تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش، يۇغۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنى ئالماشتۇرۇش داۋامىدا سىردىشىش، ئارىلىشىش داۋامىدا ئىشەنچنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بىز كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى كۆپرەك چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ ئايلىنىپ بېقىشقا قىزغىن تەكلىپ قىلىمىز، يەنە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ گۆھەر ئارىلىغا كۆپرەك بېرىپ كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  جۇڭخۇا مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى جان تومۇرى، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئاڭلىق ھالدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى، ۋارىسلىق قىلغۇچىلىرى، ئەۋج ئالدۇرغۇچىلىرىدىن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىگە بولغان تەۋەلىك تۇيغۇسى، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى، شەرەپ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.

  تۆتىنچى، قەتئىي ھالدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. 100 يىللىق كۈرەش ئارقىلىق، بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك مېڭىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالدۇق، سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ئەينى يىلى تۈزگەن پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن خېلىلا ھالقىپ كەتكەن نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتتۇق. مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخ چاقى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، ئۇنىڭغا ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ كۈرىشى ۋە ئەجرى مۇجەسسەملەنگەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بىر مەقسەتتە بولۇپ ئورتاق يارىتىشىغا، ئۇدا كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ، بۇ يەنە ئاخىرقى ھېسابتا ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە ئىشقا ئاشىدۇ. ئىككى قىرغاقتىكى ياشلار مۇقەررەر چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ، شۇنداقلا چوقۇم چوڭ نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ. بىز تەيۋەن ياشلىرىنىڭ ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقىغا كېلىپ ئارزۇغا ئىنتىلىشى، ئارزۇ تىكلىشى، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز، داۋاملىق ئىككى قىرغاقتىكى ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى شارائىت، تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىمىز. ئىككى قىرغاقتىكى ياشلارنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، بىر - بىرىگە تايىنىپ، بىر - بىرىگە ھەمراھ بولۇپ، بىر مەقسەت، بىر سەپتە بولۇپ، تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقىنى تاپشۇرۇۋېلىپ ياخشى يۈگۈرۈپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، خۇاليەن ناھىيەسىنىڭ دېڭىز تەۋەسىدە 7.3 بال يەر تەۋرەپ، ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش، مال - مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، مەن بەختسىزلىككە ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا تەزىيە بىلدۈرىمەن، ئاپەت رايونىدىكى خەلق ئاممىسىدىن ھال سورايمەن.

  ما يىڭجيۇ مۇنداق بىلدۈردى: «92 - يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»غا قارشى تۇرۇش ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى تىنچ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئورتاق سىياسىي ئاساس. ئىككى قىرغاقتىكى خەلق ئوخشاشلا جۇڭخۇا مىللىتىگە تەۋە، ھەممىسى يەندى - خۇاڭدى ئەۋلادلىرى، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ئورتاق ۋارىسلىق قىلىپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.

  يىغىنغا قاتناشقان تەيۋەن ياشلىرى ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ