مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى ئۈستىگە ئالىدۇ! ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە، كورىيە، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆمەك ئەۋەتىپ قاتنىشىدۇ

2024.04.18 14:50 مەنبە: خەلق تورى

  4-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى شەندۇڭ چىڭداۋدا غەربىي تىنچ ئوكيان دېڭىز ئارمىيەسى مۇنبىرىنىڭ 19-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنىنى ئۆتكۈزىدۇ، ئاۋسترالىيە، كامبودژا، چىلى، فىرانسىيە، ھىندىستان، ھىندونېزىيە، ياپونىيە، كورىيە، رۇسىيە، ئامېرىكا، پاكىستان، ئەنگلىيە قاتارلىق 29 دۆلەتنىڭ دېڭىز ئارمىيە ( دېڭىز مۇداپىئە تارماقلىرى ) ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىنغا قاتنىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە، دېڭىز ئارمىيەسى «تەقدىرداشلىق دېڭىز-ئوكيانى» يۇقىرى قاتلام مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ۋە دېڭىز-ئوكيان تىنچلىقى، خاتىرجەملىكى»، «دېڭىز بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقى ۋە خەلقئارا قانۇن ئاساسىدىكى دېڭىز-ئوكيان تەرتىپى»، «ئورتاق كېڭىشىش-ئورتاق قۇرۇش-ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە دۇنياۋى دېڭىز-ئوكياننى تۈزەش»تىن ئىبارەت ئۈچ تارماق قارالمىنى تەسىس قىلدى، قىسمەن چەت ئەل دېڭىز ئارمىيە رەھبەرلىرىنى قارالمىلارنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە قىلىشقا؛ دېڭىز ئارمىيە رەھبەرلىرىنى يەنە ئالاقىدار دۆلەتلەر ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئىككى تەرەپ كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى. بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ يىللىق يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ دېڭىز ـ ئوكيان تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى بولۇپ، مۇنبەردىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېڭىز بىخەتەرلىكى تەھدىتى ۋە خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يىل جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، 4-ئاينىڭ 23-كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە دېڭىز ئارمىيەسى بېيجىڭ، چىڭداۋ، نىڭبو، جەنجياڭ قاتارلىق شۇ جايدا تۇرۇشلۇق شەھەرلەر ۋە قىسىم گازارمىلىرىدا داغدۇغىلىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى، خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قەھرىمانلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش مۇراسىمى، ھەربىي گازارما ۋە ھەربىي پاراخوتلارنى ئېچىۋېتىش، شەھەر سىرتى باش تېمىسىدىكى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەيدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ