مۇھىم خەۋەرلەر

بېيجىڭ كونا ئولتۇراق رايونىنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوند قەرز پۇلىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

2024.04.18 14:49 مەنبە: خەلق تورى

  بېيجىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندنى باشقۇرۇش مەركىزى 17-چېسلا «كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوند قەرز مۇددىتىنى بېكىتىش ئۆلچىمىنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندنىڭ كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى تاماملاشنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قەرز مۇددىتىنى بېكىتىش ئۆلچىمىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، كونا ئولتۇراق رايونلاردىكى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوند قەرز مۇددىتىنى ئۇزارتىپ، قەرز ئالغۇچىنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش ۋە قەرز قايتۇرۇش بېسىمىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىشنى قارار قىلدى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بېيجىڭنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوند قەرز مۇددىتىنى بېكىتىش ئۆلچىمى ئۆينىڭ ئېشىپ قالغان ئىشلىتىش يىل چەكلىمىسىگە ئاساسەن قەرز مۇددىتى ھېسابلىناتتى، بۇنىڭ ئىچىدە خىش-بېتون قۇرۇلمىنىڭ دەسلەپكى يىل چېكى 50 يىل، پولات-بېتون قۇرۇلمىنىڭ دەسلەپكى يىل چېكى 60 يىل بويىچە بېكىتىلەتتى. لېكىن ئەمەلىيەت داۋامىدا، ئۆينى ئىشلىتىش يىل چېكى قانچە ئۇزۇن بولسا، ئىلتىماس قىلىشقا بولىدىغان قەرز پۇل يىل چېكى شۇنچە قىسقا بولىدۇ، ئىلتىماس قىلىشقا بولىدىغان قەرز پۇل سوممىسى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ.

  ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئىشلىتىش مۇددىتى 30 يىلدىن ئاشقان كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ ۋىۋىسكا ئېسىش مىقدارى %21 ئەتراپىدا بولۇپ، كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆي قەرزىنى قوللاش يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، نىمكەش ئۆي سودىسى زەنجىرىگە ۋاسىتىلىك تەسىر كۆرسەتكەن، شۇنداقلا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئولتۇرىدىغان ئۆيى بولۇشىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن.

  بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بەلگىلەندى: كونا ئولتۇراق رايون ئۆيلىرىنى سېتىۋالغان ھەم كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش داۋامىدىكى «ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۇنىۋېرسال ئۆزگەرتىش»، «يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرىدىغان قىلىپ ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۇنىۋېرسال ئۆزگەرتىش»، «يەككە تۈر بويىچە ئۆزگەرتىش ۋە مۇھىتنى تۈزەش»، «خەتەرلىك كونا بىنالارنى ئۆزگەرتىپ سېلىش» قاتارلىق تۆت تۈرلۈك ئۆزگەرتىش تۈرىنى تاماملىغان بولسا، قەرز مۇددىتىنى بېكىتىش ئۆلچىمى قەرز مۇددىتى ئۆينىڭ ئېشىپ قالغان ئىشلىتىلىش مۇددىتىدىن ئۈچ يىل قىسقارتىلىدۇ، ئېشىپ قالغان يەرنى ئىشلىتىش يىل چېكى ئۈچ يىل قىسقارتىلىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەسلىدىكى تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ئۆلچەمگە سېلىشتۇرغاندا،10 يىل ياكى 20 يىل قەرز پۇل قايتۇرۇش ۋاقتى كۆپەيگەنگە باراۋەر.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ