مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭدا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا ئامبولاتورىيەدە يىللىق ئاتچوت قىلىنىش چېكى 4000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى

2024.04.18 14:46 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئامبولاتورىيەدە ئورتاق قۇتقۇزۇش كاپالىتىنى يولغا قويۇش چارىسى» ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش چارىسى» دېيىلىدۇ )نى ئېلان قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەنىڭ 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا بىرتۇتاش غەملىنىش فوندىدىن چىقىم قىلىش نىسبىتىنى 5 پىرسەنت پوئىنت ئۆستۈرۈپ، يىللىق ئەڭ يۇقىرى چىقىم قىلىش چېكىنى 3000 يۈەندىن 4000 يۈەنگە ئۆستۈرۈشنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  «يولغا قويۇش چارىسى»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەسىدە كېسەلگە دىياگنوز قويۇش، داۋالاش، دورا سېتىۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈلگەن سىياسەت دائىرىسىدىكى داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ بىر قېتىمدا بەلگىلىك چەكتىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى ئادەتتىكى ئامبولاتورىيەنىڭ يىللىق چېكى ئىچىدە بىرتۇتاش غەملەنگەن فوندتىن نىسبەت بويىچە چىقىم قىلىنىدۇ. ھەرقايسى بىرتۇتاش غەملىنىدىغان رايونلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ كونكرېت ئۆلچەمنى بېكىتىدۇ.

  ئادەتتىكى ئامبولاتورىيە بىرتۇتاش غەملەش فوندىنىڭ بىر قېتىملىق چىقىم قىلىش ئۆلچىمى پىرىنسىپ جەھەتتە تەڭ دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق بالنېستتا يېتىش دەسلەپكى چىقىم قىلىش سىزىقىنىڭ %10ى بويىچە بېكىتىلىدۇ، كۆپ قېتىم ئادەتتىكى ئامبولاتورىيەدە داۋالانغانلارنىڭ 2-قېتىمدىن باشلاپ تۇنجى قېتىملىق بالنېستتا يېتىش دەسلەپكى چىقىم قىلىش سىزىقىنىڭ %5 گە تۆۋەنلىتىلىدۇ؛ بىر قېتىملىق ئەڭ يۇقىرى چىقىم قىلىش چېكى 1-،2-،3-دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 300 يۈەن، 800 يۈەن، 1300 يۈەن قىلىپ بېكىتىلىدۇ؛ يىللىق ئەڭ يۇقىرى چىقىم قىلىش چېكى پىرىنسىپ جەھەتتە 4000 يۈەن بويىچە بېكىتىلىدۇ. ئامبولاتورىيەدە داۋالىنىش كاپالىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، فوندنىڭ يۈرۈشۈشى، ئامبولاتورىيەدە داۋالىنىش ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ مۇناسىپ تەڭشىلىدۇ.

  ئادەتتىكى ئامبولاتورىيەنىڭ 1-،2-،3-دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا بىرتۇتاش غەملىنىش فوندىدىن چىقىم قىلىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %80، %70، %60 بولۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان پېنسىيەگە چىققانلارغا داۋاملىق 5 پىرسەنت پوئېنت بويىچە مايىللاشتۇرۇلىدۇ. دەرىجىسى بېكىتىلمىگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىرىنچى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ