مۇھىم خەۋەرلەر

ئىقتىسادنىڭ قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇستەھكەملەيمىز ۋە كۈچەيتىمىز

2024.04.18 14:10 مەنبە: خەلق تورى

  1-پەسىلدە، خەلق ئىگىلىكىنىڭ قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى داۋاملاشتى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشتى. تاشقى مۇھىت مۇرەككەپ، كەسكىن بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىدا قەدەم تەكشى، مۇقىم ئېلىنىپ، باشلىنىش ياخشى بولۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرقەدەر ياخشى ئاساس سېلىندى. بۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك، ئايلىنىش ئىمكانىيىتى كەڭ بولۇش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتەك ئاساسىي ئەھۋالىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى، بىزنىڭ ئىقتىسادنىڭ قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشەنچىمىزنى ئۇرغۇتتى، غەيرىتىمىزنى چىڭىتتى.

  مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئاساسنى تېخىمۇ پۇختىلايمىز. بۇ يىل 2-ئايدا دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان 300 مېگاۋاتلىق F دەرىجىلىك ئېغىر تىپتىكى يېقىلغۇ گاز تۇربىنىسىنىڭ تۇنجى ئەۋرىشكىسى شاڭخەي لىنگاڭدا ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ مۇھىم ئابىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۈتۈن لىنىيەدە كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ تەتقىق قىلىپ ياساش، كۆپ تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، قوللىنىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ. «يېڭى» ھالەتتە قۇدرەت تېپىشقا يۈزلىنىپ، «زەنجىر»نى مۇجەسسەملەپ ۋەزىيەت يارىتىلدى، دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم، زور پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىدىكى غەلىبە خەۋەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن تارقالدى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە شەكىللەندۈرۈش تېزلىتىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

  ھازىر، ئىقتىسادنىڭ داۋاملىق يۈكسىلىپ ياخشىلىنىشىغا تىرەك بولىدىغان ئاكتىپ ئامىللار جۇغلانمىسى كۆپەيدى. تەمىنلەشتىن قارىغاندا، 1-پەسىلدە كۆلەمدىن يۇقىرى يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئېشىپ، 2023-يىلى 4 ـ پەسىلدىكىدىن 2.6 پىرسەنت پوئېنت ئۆسكەن، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە سىجىل بارلىققا كەلگەن، ئېشىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولغان. ئېھتىياجدىن قارىغاندا، 1-پەسىلدە جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئېشىپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %85.5كە يېتىپ، غايەت زور بازار ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى ئىقتىسادنىڭ سىجىل، مۇقىم ياخشىلىنىشىدىكى تۇراقلاشتۇرغۇچقا ئايلاندى. تەرەققىيات ئاساسىدىن قارىغاندا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ياخشى بولۇپ، ئاھالە ئىستېمال باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، «مۇقىملىق»نىڭ ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاندى، «ئىلگىرىلەش» كۈچى سىجىل توپلاندى.

  ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىق ئىلگىرى سۈرۈلدى، ھەرىكەت تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى. جۇڭگو ئىقتىسادى بىر غايەت زور پاراخوت، ئومۇمىي مىقدارى قانچە زور، دولقۇن قانچە چوڭ بولغانسېرى، رولنى تۇتۇپ يول باشلاش شۇنچە مۇھىم بولىدۇ. تاشقى مۇھىتنىڭ مۇرەككەپلىكى، كەسكىنلىكى، ئېنىقسىزلىقىنىڭ ئېشىشى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش جەھەتتە سىجىل كۈچىدۇق، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى پىشقان ئىقتىدارىمىزنى تولۇق نامايان قىلدۇق.

  «يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن تاشقى مەبلەغنى جەلپ قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەرىكەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ يولغا قويۇشتىن، ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق سىياسەت-تەدبىرلەرنى چىقىرىشقىچە؛ بىر تىرىليون يۈەن كۆپەيتىپ تارقىتىلغان زايوم مەبلىغىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن 15 مىڭ كونكرېت تۈرگىچە، تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى 0.5 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىپ بازارنى ئۇزاق مۇددەتلىك بىر تىرىليون يۈەنلىك ئوبوروت بىلەن تەمىنلەشكىچە... ماكرولۇق سىياسەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك سىياسەت بىرىكمە مۇشت ئېتىلىپ، سىياسەت ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىندى. بۇ يىل 3-ئايدا، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدىكى يۆنىلىش نىشانى بولغان جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ سېتىۋېلىش دىرېكتورلىرى كۆرسەتكۈچى %50.8كە يېتىپ، كېڭىيىش دائىرىسىگە قايتىپ، بازار ئىشەنچى پۇختا قەدەمدە قايتا ئۆرلىدى.

  ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بۇزۇشتا، شارائىت تېخىمۇ يېتەرلىك بولدى. يېقىندا، ئىككى گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات دىققەتنى قوزغىدى: جۇڭگونىڭ ھەر يىلى ئىلىم-پەن، تېخنىكا، قۇرۇلۇش، ماتېماتىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بەش مىليوندىن ئېشىپ، پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى؛ خەلقئارا ئاقىللار ئامبىرى ئىستاتىستىكىسىدىكى جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرى يېتىشتۈرگەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سۈنئىي ئەقىل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى تەخمىنەن %50 بولۇپ، دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. «نوپۇس پايدىسى»دىن «ئىختىساسلىقلار پايدىسى»غا قاراپ يۈكسىلىش ھەم پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى پايدىلىق شارائىت، شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاشتىكى گەۋدىلىك ئەۋزەللىك.

  دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى پۇختا ئاساسقا، نۇرغۇن ئەۋزەللىككە ۋە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، دۇچ كەلگەن پايدىلىق شارائىت پايدىسىز ئامىللاردىن كۈچلۈك. دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازارنىڭ ئېھتىياج ئەۋزەللىكىنى مىسالغا ئالساق، 1-پەسىلدە دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ئىستېمالنىڭ سىجىل جانلىنىشى ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈش يۈزلىنىشىنى ئەكس ئەتتۈردى، دۆلىتىمىزدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %28.2 ۋە %31.8 ئېشىپ، يېشىل ئىستېمالنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ ياشانغاندا كۈتۈش، بالىلارنى بېقىش، مەدەنىيەت-ساياھەت، تەنتەربىيە، يېشىل تۇرمۇش قاتارلىق ئىستېمالنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سىغىمىنى كېڭەيتىش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولىدۇ. پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پايدىلىق شارائىتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك.

  مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەنسېرى، ئىشنى شۇنچە پۇختا قىلىپ، ئۆزىنى شۇنچە تۇتۇۋېلىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، ھەربىر قەدەمنى پۇختا بېسىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق تەدبىردىن ياخشى پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى، سىياسەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش داۋامىدا قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەندىلا، جۇڭگو ئىقتىسادى چوقۇم دولقۇن يېرىپ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ