مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئوكيان بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش پاراخوتى تەڭشەش ۋە ئىچكى قۇراشتۇرۇش باسقۇچىغا كىردى

«مېڭشياڭ» ناملىق پاراخوت چوڭقۇر دېڭىزدا يەر پوستىنى تەكشۈرۈشنى چىڭ كۆزلىدى

2024.04.17 15:38 مەنبە: خەلق تورى

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى گۇاڭجوۋ شەھىرى نەنشا رايونى جۇجياڭ دەرياسى ئېغىزىدا، بىر غايەت زور پاراخوت پىرىستاندا تۇراتتى، ئۈستى يېرىمى ئاق، ئاستى يېرىمى قىزغۇچ سېرىق رەڭدە بولۇپ، پاراخوتتىكى بۇرغىلاش جازىسى ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، پۈتۈن پاراخوت ئوچۇق ئاسماندا كۆزنى قاماشتۇراتتى.

  بۇ دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا لايىھەلەپ ياسىغان «مېڭشياڭ» ناملىق تۇنجى ئوكيان بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش پاراخوتى. دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ تونناژلىق بۇ ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتى بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا سىناق تەرىقىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتنىغان بولۇپ، ھازىر تەڭشەش ۋە ئىچكى قۇراشتۇرۇش باسقۇچىغا كىردى، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىل ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك پۈتىدىكەن.

  «مېڭشياڭ» ناملىق پاراخوتقا چىقىپ، تەجرىبىخانىدىكى ئىچكى قۇراشتۇرۇش نەق مەيدانىغا كىرگىنىمىزدە، كۈمۈشتەك پارقىراپ تۇرغان پېرماللوي قېتىشمىسى تامغا ئورنىتىلىۋاتاتتى. «مېڭشياڭ» ناملىق پاراخوتنى نازارەت قىلىپ ياساش گۇرۇپپىسى كەسپىي گۇرۇپپا تەجرىبىخانىسىنىڭ قۇرۇلۇش تېخنىكا مەسئۇلى خې چىڭيىن ماگنېتومېتىر بىلەن توسۇش قەۋىتىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. جەمئىي 1200 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان 3000 پارچىدىن ئارتۇق پېرماللوي قېتىشمىسى ئۈچ ۋاسكېتبول مەيدانىنىڭ چوڭلۇقىغا توغرا كېلەتتى، خې چىڭيىن پېرماللوي قېتىشما تاختىسى ئارىسىدىكى بوشلۇقنىڭ بىر مىللىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى، شۇنداقلا ماگنىت توسۇش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەربىر پارچە پېرماللوي قېتىشما تاختىسىنى تامغا تولۇق چاپلاشتۇرۇشى كېرەك ئىدى.

  خې چىڭيىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ماگنىت توسۇش ئۆيىنى ياخشى ئورنىتىش ئىنتايىن مۇھىم. ئوكياندا بۇرغىلاپ تەكشۈرۈشتە ئەۋرىشكىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ماگنىت مەيدانىنىڭ كاشىلىسىنى توسىدىغان تەجرىبىخانا مۇھىتىدا ماگنىت ئىلمى تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق گېئولوگىيە-قېزىلما بايلىقلارنىڭ زاپاس قاتلىمىنىڭ دەۋرىنى بېكىتكىلى، يەر شارى دىنامىكىسى ۋە گېئولوگىيەلىك ئۆزگىرىش جەريانى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلغىلى بولىدۇ. تەجرىبىخانىدا پۈتۈنلەي دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان، خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەن پېرماللوي قېتىشمىسى توسۇش قەۋىتى يېڭىلىق يارىتىپ ئىشلىتىلىپ، سىرتقى ماگنىت سىگنالىنى توسۇش نىسبىتى %99.8كە يەتكۈزۈلۈپ، پەن تەتقىقات تەجرىبە مۇھىتىغا كاپالەتلىك قىلىندى».

  يەر شارى بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ دېڭىز ئۈستى كۆچمە تەجرىبىخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «مېڭشياڭ» ناملىق پاراخوتتىكى تەجرىبىخانىغا سەپلەنگەن ھەر خىل نازۇك تەجرىبە ئەسۋابلىرى 150 يۈرۈشتىن ئاشىدۇ، ھازىر سۇ، توك، گاز، شامال قاتارلىق 12 چوڭ سىستېمىنى قۇراشتۇرۇش خىزمىتى تاماملاندى، پات ئارىدا تەجرىبە ئەسۋابلىرى قۇراشتۇرۇلىدۇ.

  جۇڭگو گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى «مېڭشياڭ» ناملىق پاراخوت قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى جۇ چاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش <مېڭشياڭ> ناملىق پاراخوتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىدارى. بۇرغىلاپ تەكشۈرۈشتىكى مەقسەت يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كېرىن ھەمدە ئۇنىڭ ئىچىدىكى گېئولوگىيەلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشىپ، يەر شارىنىڭ چوڭقۇر قىسمىدىكى سىرنى ئېچىشتىن ئىبارەت».

  بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش ئىلمى ساھەسىدە مۇنداق بىر جۈملە سۆز بار: «10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتا بۇرغىلاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئايغا چىقىشتىنمۇ قىيىن». تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۈسكۈنىلەرنى توپلاشتۇرۇشنىڭ تۈرتكىسىدە، «مېڭشياڭ» ناملىق پاراخوت 11 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتا بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى. «بۇ پاراخوت يەر پوستىنى تېشىپ ئۆتۈپ، مانتىسسا قاتلىمىغا كىرىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، بۇمۇ <مېڭشياڭ> دەپ نام بېرىشنىڭ سەۋەبى» دېدى جۇ چاڭ.

  «مېڭشياڭ» ناملىق پاراخوتنى نازارەت قىلىپ ياساش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى يىن شيەنفېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «11 مىڭ مېتىرلىق بېسىم ئۈسكۈنە، سۇ، توك، سۇيۇقلۇق، ماتېرىيالغا نىسبەتەن بىر خىرىس. پۈتۈن پاراخوت 303 تۈرلۈك ئاساسلىق ئۈسكۈنىگە، 8300 پارچە ئىشلەپچىقىرىش چېرتيوژىغا، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىش تەرتىپىگە چېتىلىدۇ، جەمئىي 150 نەچچە پەن تەتقىقات ئورنى قۇرۇلۇشقا قاتنىشىپ، 10دىن ئارتۇق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى».

  كېمىدە ماڭغاندا، يېڭىلىق يارىتىش تەرەپلىرى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان پاراخوتقا ئورنىتىلغان كېرىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساقلاش-توشۇش سىستېمىسىغا تايىنىپ، پاراخوتتىكى كېرىن ئاپتوماتىك يۆتكىلىدۇ ۋە ساقلىنىدۇ، خۇددى «راكنى دېڭىزدىن سۈزۈۋالغاندىن كېيىن دەرھال توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇش»قا ئوخشاش، ئەۋرىشكىنىڭ «يېڭىلىق» دەرىجىسىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ ئېنېرگىيە ساقلاش تېخنىكىسى ۋە يېپىق ھالقىلىق ئېلېكتىر تورىدىن پايدىلىنىپ، 180 پاراخوت خادىمى لىق قاچىلانغان ئەھۋالدا، دېڭىزدا ئۇدا 120 كۈن خىزمەت قىلغىلى بولىدۇ، داۋاملىق يۈرۈش 15 مىڭ دېڭىز مىلىغا يېتىدۇ؛ 1 مىليون 200 مىڭ مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كابېل ياتقۇزۇلۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىپ، پاراخوت بىلەن قىرغاقنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماسلاشتۇرۇلىدۇ.

  پاراخوت ياساش نەق مەيدانىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، «مېڭشياڭ» ناملىق پاراخوت بىلەن يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش كاپالەت پاراخوتى، يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ دېڭىز-ئوكيان گېئولوگىيەلىك كېرىن ئامبىرى، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى چوڭقۇر سۇ ئىلمىي تەكشۈرۈش پىرىستانى قاتارلىقلار قۇرۇلۇپ، «مېڭشياڭ» ناملىق پاراخوتنىڭ يۈرۈشۈشىنى كۈچلۈك قىرغاق ئاساسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.دېڭىزغا يۈزلىنىپ قۇدرەت تېپىپ ئۈچۈن ئىلمىي تەكشۈرۈش قورالى بولۇش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ چوڭقۇر دېڭىزنى تەكشۈرۈشىدە «مېڭشياڭ» ناملىق پاراخوت مۇھىم سەھنە قىلىنىپ، چوڭقۇر دېڭىزنى گېئولوگىيەلىك يەر شارى فىزىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، ئىنسانلارنىڭ دېڭىز-ئوكياننى تونۇشى، قوغدىشى، ئېچىشى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشقۇسى.

  
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ