مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار دىققەت! 2024-يىلى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇنقى تاللاش خىزمىتى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى باشلىنىدۇ

2024.03.14 13:27 مەنبە: خەلق تورى

  12-مارت، مۇخبىرنىڭ ھاۋا ئارمىيە ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش ئىدارىسى لەنجوۋ تاللاش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 2024-يىللىق ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇنقى تاللاش، تەكشۈرۈش خىزمىتى 22-مارتتىن 25-مارتقىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونىمىز ئالدىنقى باسقۇچلۇق تاللاشتا لاياقەتلىك بولغان ھەمدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بىرتۇتاش قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ئوقۇغۇچىلار ھاۋا ئارمىيە 986-دوختۇرخانىسى (شىمالىي رايون) سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزى ( ئادرېسى: شىئەن شەھىرى بېيلىن رايونى دوستلۇق شەرقىي يولى 269-نومۇر )گە بېرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئۈستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ تاللاش ئۇچۇرىنى تەكشۈرسە بولىدۇ. ھاۋا ئارمىيە ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش ئىدارىسى لەنجوۋ تاللاش مەركىزى تەمىنلىگەن

  ئىگىلىنىشىچە، تاللاپ تەكشۈرۈشنىڭ پۈتۈن مۇساپىسىدە يەككە تۈر بويىچە شاللاش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىكەن، تەكشۈرۈش مەزمۇنى تېببىي تاللاش، پىسخىكىلىق تاللاش ۋە سىياسىي باھالاش سۆھبىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، بارلىق تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى تاماملاشقا ئىككى كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە ۋاقىت كېتىدىكەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە، تېببىي تاللاشتا ئاساسلىقى كۆز بۆلۈمى، ئىچكى بۆلۈم، تاشقى بۆلۈم، نېرۋا-روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمى، قۇلاق-بۇرۇن-كېكىردەك بۆلۈمى، تەكشۈرۈش بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەردىكى تۈرلەر تەكشۈرۈلىدۇ، يەككە تۈردە لاياقەتسىز بولغان ئوقۇغۇچىلارنى تەكشۈرۈش توختىتىلىدۇ. پىسخىكىلىق تاللاش «ئۇچقۇچىلارنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىلىق تەكشۈرۈش تەلىپى ۋە ئۇسۇلى»غا ئاساسەن، ئاساسىي ئەقلىي ئىقتىدارى (1-سۇپا)، ئۇچۇش ئالاھىدە ئىقتىدارى (2- سۇپا )، شۇنداقلا ھەرىكەت ھالىتىنى تەكشۈرۈش ۋە يۈز تۇرانە ئىمتىھان تەكشۈرۈشى (4- سۇپا )؛ سىياسىي باھالاش ئاساسلىقى سىياسىي باھالاشقا ئالاقىدار يىپ ئۇچىنى سۆھبەتلىشىش ۋە سۈرۈشتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

  ئىمتىھاندىن بۇرۇن تاللاشقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار كىملىكى ياكى نوپۇس دەپتىرى، «ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش كېسەللىك تارىخىنى تەكشۈرۈش ۋە سەمىمىي تەكشۈرۈشكە قاتنىشىش ۋەدىنامىسى»، سىياسىي تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار بارلىق ماتېرىياللار، نېيترال قەلەم، ئاددىي يۇيۇنۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى تەييارلىشى، تەكشۈرگەندە ھەرىكەت قىلىشقا قولايلىق كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغ كىيىشى كېرەك.

  ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىزكى، بېرىپ كېلىش بېلىتى ئاتچوت قىلىنىدۇ، بۇ جەرياندا ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ، ياتاق، تاماق ھەقسىز بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ