مۇھىم خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات: جايلار، تارماقلار كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق سىياسەتلەرنى كۆپرەك چىقىرىشى كېرەك

2024.03.06 16:29 مەنبە: خەلق تورى

  14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى 5-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  لى چياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ سىياسەت يۆنىلىشىدە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال يېڭىسىنى قۇرۇپ ئاندىن كونىسىنى بىكار قىلىش كېرەك. مۇقىملىق ئومۇمىيەت ۋە ئاساس، جايلار، تارماقلار كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق سىياسەتلەرنى كۆپرەك چىقىرىپ، قىسقارتىش، چەكلەش خاراكتېرىدىكى تەدبىرلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا زىت سىياسەت، بەلگىلىمىلەرنى ئېنىقلىشى ۋە بىكار قىلىشى كېرەك. ئىلگىرىلەش يۆنىلىش ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، تۇرغۇزۇشقا تېگىشلىكلىرىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۇرغۇزۇش، بىكار قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى يېڭىنى قۇرۇش ئاساسىدا قەتئىي بىكار قىلىش، بولۇپمۇ ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش جەھەتتە پائال ئىلگىرىلەش كېرەك. ماكرولۇق سىياسەتنىڭ تەتۈر دەۋرىيلىك ۋە دەۋرىيلىك ھالقىغان تەڭشىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، سىياسەت قورالىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ