مۇھىم خەۋەرلەر

ئىككى يىغىننى AI ئارقىلىق ئۆگىنەيلى

[سىن] 2024-يىللىق خىزمەتلەر مۇنداق ئىشلىنىدۇ! AI رەقەملىك دىكتور سىزگە تېز سۈرئەتتە ھۆكۈمەت خىزمىدىن دوكلاتنى كۆرسىتىدۇ

2024.03.06 12:47 مەنبە: خەلق تورى

  

  3-ئاينىڭ 5-كۈنى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى ئېچىلدى، زۇڭلى لى چياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلاتتا 2024-يىللىق تەرەققىيات ئاساسلىق كۆزلىمە نىشاننىڭ دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نىشان قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ؟ بىرلىكتە 2024-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا قايسى ۋەزىپىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

  يېڭىچە بولۇش ____ 2024-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى ۋەزىپىلەر توغرىسىدا، دوكلاتتا زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دوكلاتتا يەنە دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئۇل تىرىكىنى كۈچەيتىشكە دىققەت مەركەزلەشتۈرۈلدى.

  كېڭەيتىش ____ ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بۇ 2024- يىللىق نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىسى بولۇپ قالىدۇ.

  ئاشۇرۇش ____ دوكلاتتا ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2024-يىلى تۈرلۈك ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى نۇقتىلىق ئۇرغۇتۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ ، مالىيە ، باج ، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھات ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  مۇقىملىق____ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتە، دوكلاتتا تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ-خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  گۈللەندۈرۈش ____ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا دېھقانلار» خىزمىتى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇلۇپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  ئەلالاشتۇرۇش ____ دوكلاتتا يەنە شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەلالاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، رايونلارنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسى، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىسادىي ئەندىزىسى تېز بەرپا قىلىنىدۇ.

  گۈزەل ____ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دوكلاتتا سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىنىشنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشايدىغان گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش تەكىتلەندى.

  كاپالەتلەندۈرۈش ____ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، دوكلاتتا خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى .

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ