مۇھىم خەۋەرلەر

ئەزا ۋۇ بېيلى: %80 تىن ئارتۇق يېڭىلىق يارىتىلغان دورا بازارغا سېلىنغاندىن كېيىنكى ئىككى يىلدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ

2024.03.05 16:07 مەنبە: خەلق تورى

  3-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ تۇنجى مەيدان يىغىنى «ئەزالار يولى» خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شاڭخەي دورا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋۇ بېيلى مۇخبىرلارنىڭ كوللېكتىپ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

  ۋۇ بېيلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 11 يىل بۇرۇن، كوللېكتىپىمىز ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىنى نىشان قىلغان تەتقىقاتىدا جەھەتتە بەزى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى، مەن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئائىلە تەۋەلىرى ۋە بىمارلارنىڭ پوچتا يوللانمىلىرىنى تاپشۇرىۋالدىم، خەتتىكى ھەربىر قۇرلاردا ھاياتقا بولغان تەشنالىققا تولغان. تېببىي دورا پەن تېخنىكا خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم خەلق ئاممىسىنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ھەقىقىي ھېس قىلىشىم.

  ۋۇ بېيلى مۇنداق دېدى: «ئەينى ۋاقىتتا، بىزنىڭ تەتقىقات نەتىجىمىز بىلەن كىلىنكىلىق ۋاقىتنىڭ ئارىلىقى ناھايىتى ئېنىقسىز، ھازىر بىز ئالاقىدار تەتقىقاتلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتۇق. بىزنىڭ تەتقىقاتىمىزغا ئاساسەن، بىز ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ چىققان نامزات دورا كىلىنكىلىق تەتقىقاتقا كىردى. ئۇنىڭدىن باشقا، دەسلەپكى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ دورىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى ھازىرقى ئوخشاش تۈردىكى دورىلاردىن ياخشى. بۇنىڭدىن سىرت، بىز يۈرەك قان تومۇر قاتارلىق ئېغىر كېسەللەرگە قارىتا يېڭى تىپتىكى دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى قانات يايدۇردۇق، ئۇزاققا قالمايلا جۇڭگونىڭ مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە تېخىمۇ كۆپ يېڭى دورىلىرىنىڭ پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ۋۇ بېيلى يەنە: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت «ئۈچ داۋالاش بىرلەشمە ھەرىكىتى»نى سىجىل كۈچەيتىپ، بىمارلارنى دورا بىلەن تەمىنلەشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دورا ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سۆھبەت رىتىمىنى تېزلىتىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىنى ھەرىكەتچان تەڭشەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭىلىق يارىتىلغان دورىلارنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، زور بىر تۈركۈم مەخسۇس تۈردىكى راكقا قارشى دورىلار، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى مۇۋاپىق باھادا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈپ، يېڭىلىق يارىتىلغان دورىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرىش سۈرئىتىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، %80 تىن ئارتۇق يېڭىلىق يارىتىلغان دورىنى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ